• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ئەلداۋا «ياشلىق مىلودىيەسى» دە

زىيارەت: 34 | باھا:2
ۋاقىت: 27-01-2012

2012–يىلى 1–ئاينىڭ 26-كۈنى ( پەيشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دە، شىنجاڭ خەلق رادىئوسىنىڭ نادىر پروگراممىسى ھېسابلانغان «ياشلىق مىلودىيەسى» دە  ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ مەسئۇلى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ئىشتراكچىلىقىدىكى«ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ھەققىدە نەقمەيدان سۆھبىتى ئاڭلىتىلغان ئىدى. تۆۋەندە مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى بېرىلدى، ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

 

ئىسىم-تەگئات ھەققىدە رادىئو سۆھبىتى

زىيارەت: 122 | باھا:1
ۋاقىت: 21-01-2012

2012 – يىلى 1– ئاينىڭ 22- كۈنى ( يەكشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 8 دىن 9 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ نادىر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسى ‹‹ يەكشەنبىلىك سۆھبەت ›› تە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە يۈكسەل بلوگىنىڭ مەسئۇلى ھېسابلانغان كەمىنە يۈكسەلنىڭ ئىشتىراك ئېتىشىدىكى ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-تەگئات ›› نەقمەيدان سۆھبىتى ئاڭلىتىلغان ئىدى. مەزكۇر سۆھبەتنى ئۆز ۋاقتىدا رادىئودىن ئاڭلىيالمىغان تورداشلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتىنى ئېلان قىلدۇق. ئۇيغۇر ئىسىم-تەگئاتشۇناسلىقىغا قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! داۋامىنى كۆرۈش»

[خوش-خەۋەر] UTV «ئىقتىساد كۆزنىكى» دە ئەلداۋا

زىيارەت: 63 | باھا:3
ۋاقىت: 20-01-2012

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى كۆرۈرمەنلەرگە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئەھمىيىتى بار بولغان، ئاۋام-خەلققە بەلگىلىك ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن كەسپىي تور بېكەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، << ئىقتىساد كۆزنىكى >> پروگراممىسىدا مەخسۇس ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزنى تونۇشتۇرۇپ بىر فىلىم ئىشلىگەن ئىدى. مەزكۇر فىلىم بۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئۇدا بىر ھەپتە قويۇلماقچى. كونكېرت قويۇلۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

بۈگۈن جۈمە كەچ : ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:50 دىن 7:20 گىچە.
ئەتە شەنبە ئەتىگەن: ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دىن 7:30 غىچە.
كېلەر ھەپتە سەيشەنبە كۈنى چۈشتە: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:30-12:00 گىچە
كېلەر ھەپتە چارشەنبە كۈنى كەچ: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:30-6:00 گىچە

مەزكۇر فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ۋە ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز! تېلېۋۇزۇر كۆرۈش ئىمكانى بولمىغان ۋەياكى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن تورداشلار ئۈچۈن كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزدا مەزكۇر فىلىم سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012-يىلى 20-يانۋار

كىتاب ئوقۇش ماھارىتى ۋە ئۇنىڭ تەئرىباتى

زىيارەت: 152 | باھا:4
ۋاقىت: 14-01-2012

م . ئا . يۈكسەل

كىتاب – قىممەت باھا يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە.

- بىكۇن

 

ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمۈرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا بولىدۇ. كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى ، كىتاب كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەت بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىيپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت. كىتاب ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات.

- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

داۋامىنى كۆرۈش»

«ئەلداۋا» دىن تورداشلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا

زىيارەت: 190 | باھا:6
ۋاقىت: 05-01-2012

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! ئالتۇن بويۇڭلار سالامەت-ساغلام، بانكىدىكى پۇلۇڭلار كارامەت-باغلام بولسۇن ! …
مانا مۇشۇنداق قۇتلۇق مىنۇتلاردا، «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئەقىدىنى كۆڭلىگە چىڭ پۈككەن ئەلداۋالىقلار، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھوزۇرۇڭلارغا يەنە بىر يېڭىلىق- «ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى» نى «بايراملىق سوۋغا» سۈپىتىدە سۇنۇپ تۇرۇپتۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

10 چوڭ بلوگنى باھالاش توغرىسىدىكى غەلدى-غەشتى پاراڭلار

زىيارەت: 496 | باھا:16
ۋاقىت: 02-01-2012

بۇ تېمىنى يېزىش-يازماسلىق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئاقىۋەت، ھېچبولمىغاندا كۆڭلۈمدىكى بەزى گەپلەرنى تورداشلارغا ئېيتىشنى، بلوگ باھالاش ھەققىدىكى بەزى غەلدە-غەشتە پاراڭلاردىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ قويغۇم كەلدى.
تورداشلارنىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە جەمئىي 3 نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىققان بولدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ، ئوي-دوڭقۇللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. باشقا ئىشلارنى دېمىگەندىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە كۆپ ئەقىدە، زېھىن، ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. نېمە ئۈچۈن؟!…  داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

زىيارەت: 871 | باھا:25
ۋاقىت: 01-01-2012

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› كەڭ تورداشلار ۋە بلوگگېرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئىزدىنىش، بىلىك، مىسرانىم، نۇرقۇت، كروران قاتارلىق 5 نوپۇزلۇق مۇنبەر مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئادىل بېلەت تاشلاش سورۇنى ھازىرىلاپ بەردى( خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، يۇقىرىقى مۇنبەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتە كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىم 1 مۇ ساختا بېلەت تاشلانماي، پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە چىن بولۇشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى ). ھەرقايسى بلوگلار ، ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز چامىلىرىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ جاي بېرىشتى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق تورداشلار ۋە تور بېكەت – بلوگلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، مىننەتسىز تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت، قىسمەت، كۆككەپتەر، مىسرانىم، ئوسمانجان نوھ بىلىگيار، كروران، جۇلالىق قاتارلىق باھالاش ھەيئەتلىرىگە ئېھتراملار بولسۇن! داۋامىنى كۆرۈش»

رادىئو دولقۇنلىرىدا «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى»

زىيارەت: 121 | باھا:4
ۋاقىت: 27-12-2011

2011–يىلى 12–ئاينىڭ 27-كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 8:00 دە شىنجاڭ خەلق رادىئوسىنىڭ نادىر پروگراممىسى ھېسابلانغان «بوغدا ساداسى» نىڭ «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» سەھىپىسىدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مۇقەددەس بىلەن ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ۋە ئوسمانجان نوھ بىلىگيار  ئىشتراكچىلىقىدىكى«ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ھەققىدە تەپسىلىي زىيارەت سۆھبىتى ئاڭلىتىلغان ئىدى. تۆۋەندە مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى بېرىلدى، ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاڭ!

زىيارەت: 875 | باھا:23
ۋاقىت: 27-12-2011

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى. داۋامىنى كۆرۈش»

نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش

زىيارەت: 641 | باھا:14
ۋاقىت: 19-12-2011

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگگېر دوستلار!
شۇ تاپتا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى قوللىغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ئاخىرلىشايلا دەپ قالدى. پىلان بويىچە 20-دېكابىر سائەت 0 دە نامزات كۆرسىتىش ئاخىرلىشىدۇ. 21-دېكابىردىن تاكى 25-دېكابىرغىچە باھالاش ھەيئىتى بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، باھالاپ، نومۇر قويۇپ چىقىدۇ ۋە ئاخىرىدا رەسمىي نامزات ئۈچۈن 20 بلوگنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بۇ قېتىم باھالاش ھەيئىتىگە بېرىلگەن ۋاقىت قىس بولغاننىڭ ئۈستىگە، تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى. شۇڭا، باھالاش ئىشلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

بىلكان شىركىتىنىڭ 10 چوڭ بلوگنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى باياننامىسى

زىيارەت: 662 | باھا:25
ۋاقىت: 14-12-2011

يۈكسەل بلوگىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىلگىرى 2 نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.  بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىمۇ ياخشى بولغان ئىدى. بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت 3-قېتىمغا قەدەم قويدى. بىز بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەم ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوللاش يۈزىسىدىن مۇنەۋۋەر باھالانغان ئالدىنقى 2 بلوگنى شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن تۆۋەندىكىچە مۇكاپاتلاشنى لايىق كۆردۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

10 چوڭ بلوگنى باھالاش تەشۋىقات رەسىملىرى

زىيارەت: 739 | باھا:23
ۋاقىت: 13-12-2011

ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە، دېگەندەك. ھەر قېتىم مەلۇم ئىشنى باشلىغىنىمىزدا تورداشلار، بولۇپمۇ بلوگگېر دوستلار ھېچقاچان چەتتە قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئەمەس. جۈملىدىن بۇ يىلىقى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان << 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى >> دىمۇ  كۆپچىلىك بەس-بەستە ئەقىل-يول كۆرسىتىشىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشماقتا. شۇ خىزمەتلەردىن بىرى دەل ھەرقايسى بلوگ ۋە توربەتلەردە تەشۋىق قىلىشقا كېتەرلىك پائالىيەت تەشىۋىقات رەسىملىرى ئىدى. مانا شۇ تاپتا ئاتەش، ئەجرىم، تەدبىركار، ھەزرەت، سەھرالىق، ئەرك… قاتارلىق تورداشلار پىداكارلىق بىلەن لايىھەلىگەن رەسىملەر 10 پارچىدىن ئېشىپ كەتتى… داۋامىنى كۆرۈش»

10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا كۈچ قوشىۋاتقانلارغا

زىيارەت: 461 | باھا:24
ۋاقىت: 12-12-2011

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» باشلانغاندىن بېرى، كەڭ بلوگگېر دوستلار ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە سازاۋەر بولدى. شۇ تاپتا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ئىدىتلىق ھالدا داۋام ئەتمەكتە. توررداشلارنىڭ پائالىيەتكە پىكىر-تەكلىپ قاتناشتۇرۇش، نامزات بلوگلارنى كۆرسىتىش قىزغىنلىقى ھەقىەتەنمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. ئەمما، پائالىيەتنىڭ كۆلەم ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات قاپلىنىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا روشەن چەكلىمىلىككە ئېگە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!

زىيارەت: 5,795 | باھا:206
ۋاقىت: 11-12-2011

ئەلقىسە، كۈن ئۆتۈپ ، ئاي ئۆتۈپ ، يىلنىڭمۇ پەيمانى توشۇشقا ئازلا قالغاندا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان، يۈكسەل بلوگى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان، كەڭ ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ›› پائالىيىتىنىڭ باش بۇرنى ھېسابلانغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.

ئالاھىدە تەكرار ئەسكەرتىش: نامزات كۆرسەتمەكچى بولغان تورداشلارنىڭ تېمىغا كىرىپلا، ھېچنىمىگە قارىماستىن ھاپىلا-شاپىلا نامزات كۆرسىتىشكە ئالدىرىماستىن، ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەت ساپاسىنى نامايان قىلىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ، تەلەپ بويىچە نامزات كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا كۆرسىتىلگەن نامزات ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، سىلەرمۇ ۋە بىزمۇ بىكار ئاۋارە بولىمىز.

داۋامىنى كۆرۈش»

2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

زىيارەت: 468 | باھا:30
ۋاقىت: 11-12-2011

بىز  ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكار ئەيلىگەندىن كېيىن، مەزكۇر جاكارغا ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار ناھايىتى يۈكسەك  ئېتىبار بېرىشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەزكۇر پائالىيەتنى ياخشى تەشكىللەش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى مەيدانغا تاشلاشتى ۋە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قاتىدىغانلىقىنى، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى يېقىندىن قوللىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس، دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزمۇ ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگۈسى، ئەلۋەتتە!
بىز بۇ تېما ئېتىبارىدا بۇ يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە مۇشۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 22، سىز 1-بەتتە12345...1020...«ئاخىرقى بەت