تېخى يېقىندىلا ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يۈكسەل بلوگىدا باش قوشۇپ، << ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى >> ئۈستىدە ئوي سۈرۈشۈپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. كۈتمىگەندە، بۈگۈن ( 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، پەيشەنبە ) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2 – قانىلى (2 XJTV) << بۈگۈنكى سۆھبەت >> پروگىراممىسىدا مەخسۇس بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ، سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ( ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دېروكتورى ) تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالىم ئەھەد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بلوگ، مىكروبلوگ، مۇنبەر قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالدى. مەزكۇر سۆھبەتتە يۈكسەل ، 80 خالتا قاتارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ، پروگىرامما كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تەدبىركار، يۈكسەل، 80 خالتا بلوگلىرىمۇ تېگىشلىك يەر ئالدى.
بۇ سۆھبەت ئۇيغۇر بلوگچىلىق تارىخىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەزكۇر پروگىرامما XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە ئىشلىگەن تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە جىددىي باش قاشلاۋاتقان پەيتتە، XJTV نىڭ بلوگ ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشى بىز بلوگگىرلارغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى.
بۈگۈن مەزكۇر سۆھبەتنى كۆرەلمىگەن تورداشلار ئەتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكرار قويۇلغان فىلىمنى كۆرسە بولىدۇ.
بۈگۈنكى سۆھبەت پروگىراممىسىنىڭ تەكرار كۆرسىتىلىش ۋاقتى:
XJTV2 دە ئەتە ( جۈمە) سائەت 9:21 دە.
XJTV5 تە ئەتە ( جۈمە ) سائەت 11:00 دا.
XJTV2 دە ئۆگۈنى ( شەنبە ) كەچ سائەت 8 دە.
يۇقىرىدىكى ۋاقىتلار بىردەك ئۈرۈمچى ۋاقتى.





























راست، يۈكسەل ئەپەندى. مەنمۇ بايىلا تېخى شۇ سۆھبەتنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە دەرھال مىكرو بلوگدىن بىرنى ئىلتىماس قىلدىم. سۆھبەتتە يۈكسەل بلوگى ۋە 80 خالتا بلوگى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. مۇبارەك بولسۇن. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى تېخىمۇ قۇتلۇق بولغۇسى!
سىزنى تەبرىكلەيمەن
مۇبارەك بولسۇن! بۇنداق ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنى خاتىرىلۋېلىپ، تورغا قويۇپ قويۇش كېرەكتۇر. بىزدەك تېلېۋىزوردا قايتا-قايتا بەرسىمۇ كۆرەلمەيدىغانلار بار ئەمەسمۇ…
بۇ كۈننى كۈتكىنى بەك ئۇزۇن بولدى، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىر چاغدا تېلېېىزوردىكى بىلىك دىگەن تېمىنى كۆرۈپ مۇشۇ نداق كۈنلەر قاچان كىلەر دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇنداق خوش بولىۋاتىمەن.
مۇبارەك بولسۇن!
رغۈر راس بەك ياخشى بوپتۇ گەرچە بلوگنىڭ نىمىلىگى چۇشەنمىسەممۇ .مەنمۇ ئازىر تىلۋۇزوردىن كورىپ بلوگ دىگەن نىمىدۇ دەپكىرشىم
سائەت تېخى 9 بولمىدى، لېكىن باشقىلار كۆرۈپ بولدۇق دەيدۇ يا؟
ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ئۇتۇقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ سۆھبەت، بلوگگىرلار ئۈچۈن زور ئىشەنچ ۋە ئۈمۈد ئاتا قىلىپتۇ.
بىرلىكتە تىرىشايلى!
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇيغۇر بلوگلىرىغا ئامەت تىلەيمەن.
ئەپسۇس مەن كۆرەلمەي قالدىم دە . توردا كۆرگىلى بۇلامدۇ ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ خەۋەرنى بارلىق دوستلار ( بىلوگگىرلار ) بىر كۆرگەن بولسا ناھايىتى ياخشى بۇلاتتى .
ۋاي نىمە دەيدىغاندۇ ؟ مەن نىمە قىلدىم دەيمەن مانى كۆرمەي …. ۋىروس بىلوگى توغۇرلۇق سۆزلىمىدىما ؟
مىنىڭچە يۈكسەل بلوگى بىلەن 80ىخالتا بلوگى ھەقىقەتەن بىلوگچىلقىمىزنىڭ نەمۇنىسى بولالايدىكەن!
مۇبارەك بولسۇن! ماۋۇ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش بوپتۇ! خۇددى بىر ئادەم ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغاندەكلا. كۆچۈرىۋېلىپ سازايى قىلىدىغان ئىشتى ماندا نەرسىلەنى
ئابايام بىلىكتىن ئوقۇپ خۇش بولدۇم. سەكسەن خالتا بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگىغا ئاپىرىن.
بۇ سۆھبەت بارلىق بلوگگىرلارغا ئېلھام ۋە مەدەت بولغۇسى دەپ ئويلىدىم.
مۇبارەك بولسۇن يۈكسەل ئەپەندىم،سىزنى تەبرىكلەيمەن.مەن كۆرەلمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ.
مۇبارەك، بۇ بەك كاتتا ئىش بوپتۇ، راسا سازايى قىلىغۇدەك. شۇغىنىسى كاماندىروپكا بىلەن سىرتتا بولۇپكۆرەلمەي قاپتىمەن، خۇدا خالىسا بۈگۈن چوقۇم كۆرىمەن.
بلوگ دىگەن ئۇقۇمنىڭ داڭقىنى يەنە بىر كۆتۈرىدىغان بولدى-دە!
سىننىڭ ئاۋازى بار لىكىنسۈرەت چىقماي قويدى
بۇنداق ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا چىقارسىڭىز ئېقىم جىق كەتمەمدىكەن؟
بلوگ بىلەن مىكرو بىلوگ ئىككىسى ئىككى گەپ،بلوگ خەنزۇچە 博客 دىيىلىدۇ،مىكرو بلوگ دىگىنىمىز 微薄…بىز تېخى مىكرو بلوگ بىلەن ئۇچراشقىنىمىز يوق… مىكرو بلوگ خەنزۇلار ئارىسىدا خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.بىلوگ بىلەن بۇ ئىككىسى ئىككى گەپ…بىز تېخى كۆپ نەرسىلەرگە يېڭى بولغاچقا بۇ ئىككى گەپنى ئارلاشتۇرۇپ قايمۇقۇپ قېلىۋاتىمىز…
يۈكسەلباينىڭ بىلوگىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى يۈكسەك ئۈمىدتە ئىستەيمىز!
يۈكسەلبايمۇ ئۆز ۋاقتىدا بىلوگ نامىنى چىقىرىش يازمىسىدا تېلېۋېزورغا بىر ئامال قىلىپ چىقارسا بىلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمى شىددەت بىلەن ئاشىدۇ، دەپ ئەقىل كۆرسەتكەن ئىدى. مانا ئەمدى، دىگەندەك بۇلىدىغان بولدى…
يۈكسەل ئەپەندىم، ئىنكاس رامكىسىدا ئازراق مەسىلە بار ئىكەن، خەت يازاي دېسە ئىچىگە مۆكۈۋالىدىكەن
cssدىكى ئىنكاس رامكىسىنىڭ كەڭلىكىنى %دىن ئېنىق قىممەتكە (مانچە px)دەپ ئالماشتۇرۇپ قويۇڭ،…
ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ۋە ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ مېڭىشىغا تىلەكداشمەن.
ياۋ ، اللە يولىدىكى بىرەر نەرسە بولسا قانداق قىلاي ماۋۇ يەردە . شۇ ئىۋۇ تېلىۋىزىيەگە چىققانغا شۇنچىۋالا ماختىنىش كېتەمدا ؟ ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى دەپ ، شۇ ناھايىتى بىر مىسال قىپتىغۇ ؟! ئىسلامىمىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغان بولساڭ ئىش بارمۇ نېمە بالام ! ئۆزەڭنىڭ دىنى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىپ قوي ، بۇ يەرگە ساپلا ساڭا ئوخشاش ئىمانىغا چاشقان پېتتىقلىۋەتكەن ئادەملەر كىرىدىغۇ دەيمەن .
االلە بىزگە ئىنجىلدىن پايدىلىنىپ ئۆز تۇرمۇشىڭلارنى بىيىتىڭلار، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، بارچە ئاۋام رازى بولىدىغان ساۋاپ ئىشلارنى قىلىڭلار دىگەن. شۇڭا بىز بارلىق پەنلەردىن ياخىشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك، بىلىم ئىلىشىمىز كېرەك، ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك. بىز يۇقىرى ئاڭ – سەۋىيە، پاك ئەقىل – ئىداراك يىتىلدۈرگەندە اللە يولىدا خەلق قوللايدىغان، ھەممىمىز رازى بولىدىغان ساۋاپ ئىشلارنى قىلالايمىز.
مەن تېخى بىرەر كىتابتىن ئاللاھ-ئىگەمنىڭ چاشقانغا بەندىلەرنىڭ ئىمانىنى پېتىغلىۋەتكىدەك قۇدىرەت بەرگىنىنى كۆرمىدىم ، ئىماننىڭ جۈملىسىنى سۆزلەيدىغان يەر بۇ ئەمەس . يۈكسەل بلوگى ۋەباشقىلارنىڭ قىلغان ساۋابلىق ئىشلارنى «توۋا» ئەپەندىنىڭ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىغا بىر نەرسە دىمەك تەس . ئەجىبا «توۋا» ئەپەندى بۇ ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ قەغىشلىك قىلىپ يىغلاپ باقمىغانمىدۇ ، بىلىپ -بىلمەي باشقىلارنىڭ رىسقىنى يەپ سالمىغانمىدۇ ؟
لېكىن ، «توۋا» داۋاملىق تورغا چىقىپ تۇرسىلا ، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە تورنىڭ بىرەر جايلىرىدىن سىلىگە لازىم بولغان «پوشكال (قۇيماق)» چىقىپ قالسىلا شۇ كۈننىڭ ئەتىسىلا مەن سىلىنىڭ شەرىپىلىرىگە كاتتا چوڭ بىر نەزىر قىلىپ بىرىمەن !!!!!!!!!!!!
سىنىمۇ بىلىمەن ، ئاتالمىش ئالىپ ، خەقنىڭ نامىنى ئېلىۋېلىپ ، tk دېگەن پايپاق نام بىلەن تور بەت ئېچىپ ، ئاخىرى پىت چېقىپ ئولتاردىڭ ! پىشانەڭنى سىلىۋىتىپ گەپ قىل ! بالام . قايسى ھالىڭغا ئالىپسەن ؟!؟؟
پوشكىلىڭنى ئۆزەڭ يە ، يا ئاچاڭغا بىرەمسەن ، مەن ئىشقىلىپ خەقنىڭ نامىنى مونۇپۇل قىلمىدىم ! مەن دىۋانىمۇ ئەمەس ، سەندەك پايپاق ئىسىم ئېلىپ تور بەت ئاچىدىغان .
نەزىر قىلىپ بېرىمەن دېگۈچە ، ئۆزەڭنىڭ جېنىنى ئەت ، داۋاملىق نەزىرە يەپ جان باقىدىغان بالا ئوخشايسەن بالام ، پايناپ مەھەلىسىدىنمۇ يا سەن ، ئابداللىق قىلىپ جان باق بولمىسا ، خەقنىڭ نامىنى مونۇپۇل قىلغۇچە ، ئالپ ئەپەندىنىڭ تورىنى دىمىسەممۇ بىلىسەنغۇ ، سەندەكلار ، شۇلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ، يەنە نېمە يوغان سۆزلەيسەن ؟!! نوچى بولساڭ ، خەقنىڭ نامىغا ئېسلىۋالماي ، ئۆزەڭ نام ئېلىپ ئىشلەت !
ئالىپ ئەپەندىنىڭ تورى ماۋۇ . http://www.alpsoft.cn/ سەن دىمىسەڭمۇ ، داداڭ ماڭقىسىنى تارتىپ يۈرگەندىن تارتىپ ، مەن توردا بار ، كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىغلىق . مېنىڭ دېگەن «چاشقان» نىمنى سەن بىلمەپسەن ، شۇنچىلىك ھالىڭغا يەنە نېمە كوت – كوت . سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قال . ئۆزەڭچە نېمە دەپ قالدىڭ ، تۆت تال دىتالنى تارقىتىپ قويۇپ ، بىلگايتىس ھېسابلىمىغانسەن ئۆزەڭنى ؟!!! سەن مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىدىغانغا تېخى ماڭقا ، يۈكسەلگە تەخسىكەشلىك قىلمىساڭمۇ بولىدۇ ، يا ئۇ سېنىڭ يېزىنەڭ بولامدۇ يا ؟ ھا ھا ھا ! توۋا دەيمەن ، تەخسىكەشلەر نېمانداق جىقتۇ ؟؟؟!!! مېنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىمنىڭ يۈكسەلگە پايدىسى بار ، بۇ دۇنيادا بولمىسا ، ئۇ دۇنيادا بوپ قالىدۇ پايدىسى ، سەن تەخسىكەشلىك قىلىپ ئارىلاشمىساڭمۇ بولىدۇ !
ماۋۇ توۋا دىگننىڭ كاللىسىدا مەسلە بامۇ قانداق ؟ يۈكسەلكا مۇشۇنداق ئىنكاسنىمۇ تەستىقلىدىڭىزما ؟
توۋا دېگەن توردىشىمىزنىڭ قورسىقىدا چوقۇم بىر گەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئىنكاسىنى تەستىقلىمىسام ئۆزەمنىڭ بلوگىدا ئۆزەم بيۇرۇكراتلىق قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن.
قېنى ئۇمۇ دەيدىغانلىرىنى دەپ باقسۇن، ئۆزىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى ئۆزى ئوقۇپ باقسۇن …
ئاۋۇ توۋا دىگەننى يوقۇتۇڭلا كۆزۈمدىن ،قانداق بىرنىمە ئۇ ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمەيدۇ يۇ يەنە ئامىۋى سورۇندا خەقنى ئاچاڭنى ،ئاناڭنى دەپ تىللايدۇ. پايپاق ئىسىم ئېلىپ تور بەت ئاچىدىغان دىۋانە ئەمەس دەيدىيا توۋا خۇدايىم خەق دىۋانە بولغاچقا توربەت ئاچىدىكەن دە ،ئەمدى بىلىۋالدىم ، ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمىگىنى بىلەن ئاللاھ يولىدا قانچىلىك ئىش قىپ بېقىپتۇ ئۇ ،يۈكسەل بىلوگى قاتارلىق دىۋانىلەرنىڭ بىلوگ ۋە تور بەتلىرى نەچچە قېتىم توردا ئىئانە توپلاپ ھاجەتمەن كىسەللەرگە ياردەم قىلغان ئاۋۇ بايۋەتچە موللام نەدە يۈرۈپتىكەن ، مېنىڭچە ئۇ موللام تورنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ قاپتۇ ، مەن ساڭا دەپ قۇياي ‹توۋا› مەن سەندەك ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمەي ھاراقنى بىسمىللا دەپ ئىچىپ تەيتەيلەرنىڭ يوتىسىغا قاراپ يۈرۈيدىغان تور موللىلىرىنى جىق كۆرگەن ئۇ دۇنيادا پايدىسى بارمۇ يوقمۇ بۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ ،سەن پايدىسى بار دىگەنگە پايدىسى بولمايدۇ، راست گەپنى قىلسام ھازىر سېنى ئادەم ئاغزىغا ئېلىشتىنمۇ ئۇيۇلدىغان سۆزلەر بىلەن تىللىغىم كېلىۋاتىدۇ ،بىراق يەنىلا ئۇيغۇر تور مەدەنىيتىنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن سەندەك پەسكەشلەرگە ئاغزىمنى ئۇپۇرتۇپ يۈرمەي. ئىت قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋېرىدۇ
بۇ توۋا ئەپەندىم تەكلىماكان بلوگىدىكى (مىكروسوفت Messenger نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چىقىرىدىكەن) دىگەن تىمىغىمۇ ئاللاھنىڭ قۇلى دىگەن نام بىلەن ئىنكاس يىزىپتىكەن.شۇنىڭدىمۇ ئالىپنى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنى قىلپ تەكلىماكان ئەپەندىگىمۇ تەلىم بىرىپ كىتىپتىكەن،بۇ يەرگە قارىسام بۇ يەردىمۇ ۋالاقلاپ يۇرۇپتۇ.قويۋالغان ئىسمى ئوخشاش بولمىسىمۇ لىكىن گەپ -سۆزىدىن،بىئەدەپلىكىدىن ئۇنىڭ بىر ئادەملىكى مەلۇم بوپ تۇرۇپتۇ.مىنىڭ بۇ توۋىبايغا دەيدىغىنىم:سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە لايىق ئىسىمدىن بىرنى تاللىۋىلىڭ ،مەسلەن پىتنىخور دىگەندەك.يەنە ئەڭ مۇھىم بىرسى ئاللاھنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ئادەم تىللىماڭ،ئاللاھ پاكتۇر لىكىن سىزنىڭ ئىغىزىڭىز مەينەتكەن.شۇڭا ئىغىزىڭىزنى ،بولۇپمۇ ئاشۇ تىتىقسىز گەپلەر سىڭىپ كەتكەن دىلىڭىزنى پاكلىۋىتىپ ئاندىن ئاللاھنىڭ گىپىنى قىلىڭ.ئاللاھ پىتنىخورلارنى،يامان سۆزلۈكلەرنى ياقتۇرمايدۇ.باشقىلارنىڭ ئاچىسىنى ئىغىزىڭىزغا ئالغان چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئاچىسنى ئۇنۇتماڭ.بلوگنىڭ گىپى بولغاندا بلوگنىڭ گىپىنى قىلىڭ ئاللاھنىڭ گىپى بولغاندا ئاللاھنىڭ گىپىنى قىلىڭ.يۇقارقىدەك ئىسىل پەتىۋالىرىڭىزنى شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىگە بىرىپ ئالدىڭىزغا داستىخاندىن بىرنى سىلىپ ئولتۇرۇپ قىلىڭ،ئىلمىڭىز بۇيەرگە زايا كىتىپتۇ. ……
ھەركاللىدا ھەرخىيال . توردۇنياسى دىگەن مۇشۇنداق يەر . . . توردۇنياسىدا ئاۋۇ «توۋا» دىگەننىڭ «بىزەپ» گەپ – سۈزىدىن باشقا ھېچنىمىسىنى كۈرۈپ باقمىدۇق . ئەمما ئالپ ئەپەندىمنىڭ يۇمشاق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدىكى خالىس تىرىشچانلىقىنى كۆپچىلىك ئۇبدان بىلىدۇ .
شۇڭا ئالپ ئەپەندىمنىڭ بۇنداق گەپ سۆزلەرگە زىھنىنى ئۇپۇرتىپ ، دىققىتىنى چېچىپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ،بىراق ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئىچىم سەل ئاچچىق بولۇپ قالدى.
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ مانداق بىر نەرسە كۆڭلۈمگە كېلىۋاتىدۇ: كىشلەر تىرەككە چالما ئاتماي، مېۋىلىك دەرەخكە چالما ئاتىدىكەن ،نېمىشقا دېسە تىرەكتە چالما ئېتىپ چۈشۈرگىدەك مېۋە يوقتە.
بەزى ئىنكاسلارغا ھەلا دەپ قويىلى.
ياخشىمۇ سىز يۈكسەل ئەپەندى! مەن توردىن سىز بىر ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەنتىم ( سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز بىلەن ئوخشاش،لېكىن كۆپ يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەكچى) بۇ ئۇسلۇبتا تىما يوللىسام باش بەتتىكى تىما رەسىمى چىقىدىغان ئۇرۇنغا رەسىم چىقىرالمىدىم، قانداق قىلسام تىما رەسىمىنى چىقىرالايمەن! بلوگىڭىزغا يات بىر سۇئالنى سۇراپ قالدىم، مالال كۆرمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز! ياكى ئايرىم قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلامدۇق!!
ئالىپ -ھىچقانداق ئادەمنىڭ شەخسىي نامى ياكى تاۋار ماركىسى ئەمەس ، ئۇ بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل مۇقەددەم پارىس ئېستىلاچىللىرىغا قارشى چىقىپ ئۆز ۋەتىنىنى قوغدىغان تۇرك مىللىتىدىن چىققان بۈيۈك قەھرىمان .
«توۋا» نىڭ بىلەرمەنلىكىگە قايىلمەن ، مىڭ ئەپسۇس ، تور بەت ئاچقان ، بىر قانچە يۇمشاق دىتال تارقاتقان ئالىپ مەن ئەمەس . مەن پەقەت «ئالىپ» تەگ ئاتىنى قوللانغان ئاددىيلا ئادەممەن ،بۇ تەگ ئاتنى قوللىنىۋاتقىلى ئون يىلدىن ئېشىپتۇ، كۆپلىگەن ئالىپلار مەيدانغا كەلدى ، مەن يەنە «تۈمەن مىڭلىغان ئالىپلار» نىڭ دۇنياغا كىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
بەزىدە چىكىدىن ئاشقان بىلەرمەنلىك ئادەمنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرىدۇ .خەير ، گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ ، ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ .
توغرىسىنى ئىتىراپ قىلىش ، خاتاسىنى ئىنكار قىلىش ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاددىيلا ساۋات .تورداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى پىكىرلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ،مەن يۈكسەلگە تەخسىكەشلىك قىلدىم دەپ قارىمايمەن . يەنە بىر توۋا ، مىڭ توۋا …
بۇ كىشىنىڭ گىپىگە قۇلاق سېلىش ھاجەتسىز. خەقنىڭ مۇنبەرلىرىگە يوللانغان تېمىلارنى يىغىۋىلىپ بىلوگ قۇرۇپ، ئۇنى ئاقتۇرالماي كۆچۈرمە تېما بىلەن مۇنبەرلەردە باشقۇرۈغۇچىلىق قىلىپ مەۋھۇم مۇنبەر پۇلىغا جېنىنى سەپ بېرىدىغان ئادەم ئۇ. ئۇنى بەلكىم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا رەشىكلىك قىلىپ شىڭشىسەيگە چاققان چاشقان موللىغا ئوخشاتساق تامامەن ئارتۇقلۇق قىلماس. كۆرەلمەس، ھەسەتخورلۇق بىلەن ئۆزىنى قىينايدىغان بايقۇش!!!