نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كۆكتىن كۆچتى بىر يۇلتۇز

-ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە

(مۇستەھزاد)

م. ئا. يۈكسەل

 

 ئەرىش تامان بىر يۇلتۇز كۆچتى چەكسىز يىراققا،

                                   بىرچاقنىدى، بالقىدى .

پۈكتى قەددىن تەڭرىتاغ قەلبى تۇلۇپ  پىراققا،

                              ئاھى كۆكتىن ھالقىدى .

 

سەكسەن يەتتەيىل ئۆزرە قالدۇرغاچ كۆپ شان-شەرەپ،

                              ئىمىن ئاتلىق نۇر-مەشئەل،

تارىم،ئىلى ،زەرەپشان  غەمكىن  ئاقتى كۈۋەجەپ،

                                سۈكۈناتتا بىر مەھەل.

 

لالىزاردەك كۆكلىگەن ئالىم چاچقان ئۇنچىلەر،

                             مەغرۇر تۇتۇپ بېشىنى.

ئالىم بۇۋا نەدە سىز؟ دىدى ئەشۇ غۇنچىلەر،

                             تۆكۈپ شەبنەم يېشىنى.

 

سۆيۈنەتتى ئالىمنىڭ تۆھپىسىدىن كەڭ ئاۋام،

                             پەخىرلىنىپ-شادلىنىپ.

ياش ئەۋلادلار ئالىمنىڭ ئىشلىرىنى قىپ داۋام،

                             ماڭار ئالغا ئاتلىنىپ.

 

ئالىم روھى ئەرىشتە،پەرۋانىسى  پەرىشتە،

                       قايتا ھايات سۈرگۈسى.

ئىلىم-پەننىڭ گۈللىرى روناق تاپسا پەرۋىشتە،

                        ئالىم مەقبۇل كۆرگۈسى.

 

قەبرىڭىزگە گۇل قويدۇق ، غۇنچە-لالە پۇرەكتىن،

                             كېلىپ ئەۋلاد ھەر تامان.

پەدەرىمىز ئەلۋىدا ! قايغۇ تاشقان يۈرەكتىن،

                              يادىمىزدا سىز ھامان!

 

 

2011-يىل 2 – ئاينىڭ 25-كۇنى،  شەھرى كاشىغەر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كۆكتىن كۆچتى بىر يۇلتۇز

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئالىم كەتتى،ئاھ! ئارىمىزدىن ساقىدى چولپان،
    كۆڭۈللەرنىڭ تۆرىدە، يادلىنىدۇ ھەرزامان.
    تىلشۇناسلىق ئالمىدە چىققان پەللىگە ئەركان،
    ئىزلىرىدىن مېڭىشقا قەلىبلەردە بار غەليان.

    * * * * * *

    ئۆتتى ئۆمرى بەرىكەتتە، ئىلىم مېۋىسى شەربەت،
    بۇلۇپ ئالىم،تىلشۇناس،ھەر بىرسۆزى بىر ھىكمەت.
    ئۆرپى-ئادەت،خىسلەتنى تۇتىيا بىلىپ ھەم شىرمەت،
    ئىجىتھاتتىن باغ بىنا، تاپتى ھاياتى زور قىممەت.

  2. قاراقۇرۇم مۇنداق يازغان:

    مۇتلەق يەتسە قالدۇق چارىسىز

    ئامىنە ئابدۇۋايىت

    قۇرىمىغان كۆزۇمنىڭ يېشى،

    شائىرلارغا ئېچىنىپ يىغلاپ.

    ئاڭلاپ بۆگۇن سىزنى كەتتى دەپ،

    تۇرۇپ قالدىم چاچنى قاماللاپ.

    ھازا ئاچتى تاغو-تاش بۆگۇن،

    ئارىمىزدىن ئالىم كەتتى دەپ.

    قان يىغلىدى پامىر تەڭرى تاغ،

    جىسمىم قېلىپ باغرىم كەتتى دەپ.

    ئامىنەنىڭ كۆزىدىكى ياش ،

    تۆكۇلمەكتە مارجان مىسالى.

    ئارىمىزدا بەكمو ئاز ئىدى ،

    سىزگە ئوخشاش يېتۇك زىيالى.

    تۇركى تىللىق مىللەتلەر ئارا،

    يېتىشكەن بىر ئالىم ئىدىڭىز.

    تەشنا قىلىپ دىدارىڭىزغا ،

    ئارىمىزدىن ھەجەپ كەتتىڭىز.

    ئىنسان دېگەن شۇنداق ئاجىزكەن،

    مۇتلەق يېتىپ قالدۇق چارىسىز.

    سىزگە ئاتاپ ئوقۇيمىز دۇرۇد،

    جەننەت بولسۇن ياتقان يېرىڭىز.

    2011-2-26-ئاقتۇ

  3. قاراقۇرۇم مۇنداق يازغان:

    كېچە ئاق ئىدى

    سەرداھى

    كېچە

    ئەسلى ئاق ئىدى، ئىسىمى قارا!

    قاراڭغۇ كۆزلەرنىڭ ئىچىدە ياتقان.

    ئاسمان يورۇق

    بىر تال يۇلتۇز تۇپراققا كۆچتى

    دەرەخلەرنىڭ باغرى لەختە قان!

    ۋاقىت

    پەيغەمبەر يېشىدىن ھالقىغان ئىدى

    بىر ئەرنىڭ چىناردەك كۆكلەشلىرىدە.

    ئۇ

    ئۆلۈمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،

    ھاسىسىنى نەۋرىسىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ.

    كىتاب ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتى!

    سەككىزىنچى قەۋەتتىكى يەتتىنچى ئۆيىگە…

    2011.2.27

  4. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    مەرھۇمنى ياد ئېتىپ تۇرىمىز!

  5. قاراقۇرۇم مۇنداق يازغان:

    جەننەتنى تىلىگەچ دەيمىز ئەلۋىدا!

    (مەرسىيە)

    پەلەكنىڭ قەھرىدىن چېقىلىپ چاقماق،

    ساقىدى ئاسماندىن يەنە بىر چولپان.

    قاپلىدى ئەتىراپنى يۈرەك مۇڭلىرى،

    جۇدالىق دەردىگە چىدىماي سوققان.

    “ ھەۋەس ”تىن يول ئېچىپ قەلەملىرىڭىز،

    ئىجادنىڭ كۆكىدە قىلغانتى پەرۋاز.

    “ سەپەر سەزگۈلىرى ”بەرگەندە ئىلھام،

    تارالغان يۈرەككە يېقىملىق ئاۋاز.

    تەشنا بوپ تۇرغاندا ئىلىم-بىلىمگە،

    “ تارىمدىن تامچە ”لار چىققانتى ئوخچۇپ،

    “ بۇلاقتىن بىر ئوتلام ”سۇنغاندا بولسا،

    قانغانتى تەشنالىق مىننەتدار بولۇپ.

    “ بالدۇرقىغا ئوخشىماس “ ھېكمەت.

    “ تىل بىلەن دىللارغا كىلىت سېلىنغاچ “

    “ نۇرۇزنامە ”دىن ئېچىلدى چېچەك.

    ”نەۋايى ھەققىدە“ئۈنچە تىزىلىغاچ.

    “ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ”دىن،

    ئۇرۇلدى دىماققا مىللىيچە پۇراق.

    تەرجىمە-تەھرىرلىك سېپىدىمۇ ھەم،

    ماڭدىڭىز ئالدىدا كۆتۈرۈپ بايراق.

    چېھرىڭىزدىن بالقىتىپ كۈلكە،

    كەمتەرلىكتىن بولغاندا ئۈلگە.

    نۇرغۇنلىغان سەبىي-بوغۇنلار،

    ھۆرمەت بىلەن تىكىلگەن سىزگە.

    مۇسىبەت خەۋىرى كەلگەندە يىتىپ،

    قەلبىمنىڭ قۇياشى كەتتىغۇ پېتىپ.

    يىغلىغۇم كەلدىكى شۇنچىلىك ئۈنلۈك،

    نامىڭىنى ھەسرەتلىك قوشاققا قېتىپ.

    ئۈلۈمگە ئامال يوق بىلىمەن ئەمما،

    بىلىدۇ بۇنى ھەم نادان ۋە دانا.

    بۇلارنىڭ پەرقىدۇر قەدرىنى بىلىش،

    ئۆلۈمدە ساقلاقلىق تۈمەنمىڭ مەنا.

    ھاياتتا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزىڭىز،

    بىز ئۈچۈن ساناقسىز بايلىق بىباھا،

    دۇئاغا كۆتۈرۈپ ئۇشبۇ قوللارنى ،

    جەننەتنى تىلىگەچ دەيمىز ئەلۋىدا!

    قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى ئالىمنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

    بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى.
    ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com