ئويغاق پىكىرلىق كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، قاچانكى بىزگە خەيرىلىك بىر ئىش يۈزلەنسە ، شۇ ئىشقا بىر پۇتاق چىقماي قالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەشۇ ‹‹ پۇتاقچى ›› لارنىڭ دىن ۋە مىللەتنىڭ پايدىسىغا ئىش كۆرىدىغان دۇرۇس نىيەتلىك ۋە ياكى دىن ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا ئىش كۆرىدىغان قىڭغىر نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولمايدۇ. جۈملىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان قانۇنلۇق بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئىستەكلىرى يېلىنجاۋاتقاندا، تورلاردا، كوچا – كوتاڭلاردا ‹‹ نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس ›› دەيدىغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار ئاۋۇپ قالدى. ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن دۇرۇس ئەمەسمۇ؟!….
1 نورۇز ھەققىدە پەيدا بولغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار
تورلاردىكى تاراپ يۈرگەن نورۇزنىڭ ھۆكۈمىگە ئائىت يازمىلار ، ئۇلار نەقىل قىلغان ئەسلى مەنبەلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمغا كۆرە، نورۇز ھەققىدىكى‹‹ پەتىۋا ›› لارنىڭ مۇنداق بىرقانچە مۇھىم نۇقتىلىرى بار ئىكەن.
1. « نورۇز » ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
2. مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.
3. مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.islamhouse.com/p/196646
2 ‹‹ پەتىۋا ›› لارغا رەددىيە
1. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە ئاۋۋال سېلىش ھاجەتكى، مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئىشلىنىش جەريانىدا مۇنداق بىر چوڭ يېتەرسىزلىك ساقلانغان. يەنى، پەتىۋا بېرىلمەكچى بولغان ئىش – مۇئەممانىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى، ئوخشىمىغان قەۋملەردىكى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشىگە قەدەر بولغان ئىنچىكە ھالقىلىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنمىغان. ئالايلۇق، نورۇز بايرىمى يالغۇز پارسلارنىڭ بايرىمى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەمما، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، ئۆزبېك، قىرغىز… كەبى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭمۇ نورۇز بايرىمىنى مىللىي بايرام ، تەبىئەت بايرىمى سۈپىتىدە قۇتلۇقلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنمىغان. بۇندىن باشقا يەنە بىر ئىنچىكە بىر ھالقا شۇكى، ئەرەبلەر بىلەن پارسلار ئارىسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي سىغىشالماسلىقنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكلىگە كەلگەن. دىققەت: پارسلاردىن قوبۇل قىلىنغىنى بايرام مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى ‹‹ نەۋرۇز ( نورۇز ) ›› دېگەن بىرگىنە سۆزدۇر.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار خرىستىئان دىنى ، يەھۇدى دىنى ۋە ئىسلامىيەت پەيدا بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا «ئۇلۇغ تەڭرى» دېگەن مەنىدىكى «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان.«تەڭرى» سۆزى «تاڭ» ۋە «ئەرى» دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «ئاسماننىڭ، جاھاننىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئىگىسى» دېگەنلىك بولاتتى. تۈركىي مىللەتلەر تەڭرىگە ئاتاپ تاغلاردا، غارلاردا قۇربانلىق قىلاتتى، مۇقەددەس بايراملارنى ئۆتكۈزەتتى. قىيامەت(ئاخىرەت)نى <>، روھ(جان)نى «تىن» دەپ ئاتايتتى، روھنىڭ ئإلمەيدىغانلىقىغا ۋە ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ياخشى ئادەمنىڭ روھىنىڭ «ئۇچماغ»دەپ ئاتىلىدىغان جەننەتكە، يامان ئادەمنىڭ روھىنىڭ «تامۇ»دەپ ئاتىلىدىغان دوزاققا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ›› ( يۈسۈپجان ياسىن : ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى شامانىزم مەسىلىسى ) ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ناھايىتى ئۇزاق زامان ئىلگىرىلا، زوروئاستېر دىنى شەكىللىنىپ ئۈلگۈرمىگەن چاغلاردىلا ‹‹ كۆك ( سۇمۇز ) مەشرىپى ›› نى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. تاكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئەرەب – پارس مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنلا مەزكۇر بايرامنىڭ ئىسمىنى پارسچىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قوبۇل قىلىپ ‹‹ نورۇز ›› غا ئۆزگەرتكەن. خۇلاسە، نورۇز بايرىمى دۇنيادىكى تۈركىي ۋە پارسىي قەۋملەر تەرىپىدىن ئوخشاش مەزگىلدە بايرام سۈپىتىدە ئورتاق نىشانلىنىدىغان ، ئىسمى ئوخشاش بايرام بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى قەۋمدىكى بۇ بايرامنىڭ يىلتىزى، تارىخي كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى باشقا – باشقىدۇر. شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم ئەرەب ئۆلىمالىرى چىقارغان ‹‹ نورۇز پارس زەردۇشتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارغا ئۆتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس ›› دېگەن پەتىۋاسى بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان.
2. ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتتىن باشقا ھېيت – بايرام بولمايدۇ ›› . مېنىڭچە بۇ پەتىۋانى ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن باشقا دىنىي بايرام بولمايدۇ ›› دەپ تولۇقلىغان تۈزۈك. ھەقىقەتتە ھەم مۇسۇلمانلاردا بۇ ئىككى دىنىي بايرامدىن ئۆزگە دىنىي بايرام بولماسلىقى كېرەك. ئەمما، ئىسلام ھېچقاچان مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، مىللەتلەر ئۆزگىچىلىكىنى ئىنكار قىلغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىلەت – مىللەتلەرگە، تۈرلۈك ئىرقلارغا ئايرىپ ياراتقىنىدا ئېنىقكى ئۇلۇغ بىر ھېكمەت بار. ئەگەر خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش بىر تىلدا سايرايدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئۇيقۇرمىسىدا ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان بولار ئىدى. شۇنداقكەن، دىنىي ئىتىقاد تۈسىنى ئالمىغان، دىنىي ئەھكاملارغا زىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىمىزگە خاس مىللىي بايراملارنى ، خاتىرە كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ نەرى خاتا ؟! …
دىن ھەققىدە ۋەزخاھلىق قىلىشقا لايىق بولمىساممۇ مۇنداق بىر دەلىل كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم:
مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مەدىنىگە كەلگەندە يەھۇدىلار بار ئىدى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتار ۋە بايرام قىلار ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنى بىزنى مۇسا پەيغەمبەر قۇتقۇزىۋالغان دەپ قارىشار ئىدى. بۇنى كۆرگەن رەسۇلىلاھ << بىز مۇسا پەيغەمبەرگە يەھۇدىيلاردىنمۇ لايىقراقمىز >> دېگەن ئىكەن ھەمدە ئۆزى ۋە ساھابىلەر شۇ كۈنى روزا تۇتۇشقان ئىكەن. دېمەك، ئۇنى چەكلىمىگەن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەنبە مەنزىلى: http://www.pdksp.net/vb/showthread.php?t=2307
ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ تەرجىمىھالى سۆزلەنگەن كىتابلاردا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئەلى ئىبنى تالىب بىلەن ئۇچراشقانلىقى سۆزلىنىدۇ؛ ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ كاتتا بوۋىسىنىڭ نورۇز كۈنلىرىدە مەلۇم مىقداردا ئەلىگە ھەسەل ھەدىيە قىلغانلىقلىرى خاتىرىلەنگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ مۇبارەك قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى بايرام مۇسۇلمانلار ئۈچۈن باشقا بايراملارغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەلدۇر. ئەمما، باشقا بايراملار ئەقىل ۋە تەبىئەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، دىنىي ئەقىدىگە قارشى بولمىسا، دىنسىزلىق ۋە شىرىك ئەقىدىگە ياتىدىغان ئىش – پائالىيەتلەر ئارىلاشتۇرۇلمىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نورۇز كەبى ئۆزىگە خاس مىللىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشى دۇرۇستۇر.
3. ‹‹ ھېيت – بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ ››، بۇ دۇرۇس گەپ. بىرىنچىدىن ، نورۇز بايرىمى قانداقتۇر دىنسىزلارنىڭ بايرىمى ئەمەس. بەلكى ئۇ 1400 يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئىتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى ، جۈملىدىن ھېيت – بايراملىرىنى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە رەئىسلەپ كەلمەكتە. قارايدىغان بولسىڭىز، نورۇز مەزگىلىدە بارچە كىشىلەر ساۋابلىق ئىشلارغا ئالدىرىشىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئاتا – ئانا ، چوڭلارنى يوقلىشىدۇ، ئاجىز – مىسكىن ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، ئەجدادلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇيدۇ- دۇئا قىلىدۇ، ھويلا – ئارام ، رەستە – بازارلارنى تازىلايدۇ، ئىلمىي ئەنجۈمەنلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئىلىم ئالماشتۇرىدۇ، تارقىتىدۇ ، ئاداۋەتلەشكەنلەر ياراشتۇرۇلىدۇ …
ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بىر قىسىم كىشىلەردە ھېلىغۇ نورۇز بايرىمى ئىكەن، مۇبارەك قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيىتىنىمۇ ھاراق – شاراپ ، كەيىپ – ساپا ، ئەيش – ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ناباب قىلمىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئەدەپ قالدى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بايراملارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ . شۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئەيىبلەش كېرەك، ئەلۋەتتە.
3 خۇلاسە
نورۇز – ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىنلا يار بولغان، ئىجازەتسىز راۋا بولغان ئەنئەنىۋىي بايرامدۇر. نورۇز – تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش دۇرۇسمۇ؟





























بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى دىن ئەقىدە بىلەن ئالاقىسى بولسا ئۇنىڭغا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشتىن ۋاز كېچىش ئانچا ئېغىر كەلمىسىمۇ بولىدۇ. يەنە ھەرقانداق باھانىلەر بىلەن شەرىئەتنىڭ چەكلىمىسىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش لازىم. [ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە بىر -بىرىگە سەۋرىنى تەسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەمە كىشى زىيان ئىچىدىدۇر.]
http://www.ejdad.com/bbs
ماقالىدە نەقىل ئېلىنغان يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسنى ئوقۇپ كۆرۈشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاندىن بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش ھاجەتىكى، نورۇز ھەققىدىكى گەپ بولسىلا پارسلار ۋە زەردوشت ( ئاتەشپەرەسلىك ) دىنىغا باغلاپ قويىۋاتىمىز( نورۇز ھەققىدە ماقالە يازغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىمۇ شۇ خىل خاتالىق سادىر بولغان ھەم بولىۋاتىدۇ ) . بۇ پارس خەلقىدە بۇ خىل بايرامنىڭ شەكللىنىش ئارقا كۆرۈنىشىدۇر. ئەمما، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە بۇ خىل بايرامنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى زەردۇشت دىنىنىڭ پەيدا بولۇشىدىنمۇ ئۇزاق ئىلگىرىكى زامانلاردىكى ئىشتۇر. بۇنى تېمىدىمۇ دېگەن ئىدىم. مۇمكىن بولسا ئوبدانراق تەلقىن قىلىنسا …
ئېسىڭلاردا بولسۇن ، نورۇز دىنىي بايرام ئەمەس،نورۇز بايرىمىنىڭ دىن ۋە دىنى ئەقىدىلەر بىلەن ئالاقىسى يوق(بۇ ھەقتە ھۆرمەتلىك ئۇستاز،ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىزمۇ كۆپ تەكىتلىگەن) نورۇز ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى…
بۇ ھەقتىكى تەپسىلات:
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-42572.shtml
بۇرۇن مەنمۇ بىلىك كۇلۇبىدا تولا تالش-تارتىش قىلغان تېمىالارنىڭ بىرى مۇشۇ.
بەزىلەر بۇنى ئاتالمىش«ئاشىق-مەشۇق بايرىمى»،«تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشى»،«روژدستىۋا بايرىمى»… دىگەندەك مەغزاب كۈنلەر بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ يۇقارقى پەتىۋانى چىقىرىدىكەن.
مۇنداق بىر بايان بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بىر تائىپە ئۆزىنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام :«ئاللا سىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىككى بايرامنى ھەدىيە ئەتتى»دىگەن.
بۇ گەپتىن بۇرۇنقى بايرىمىڭدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچ دىگەنلىك چىقامدۇ ياكى ماۋۇ ئىسلامىي بايرامنى ئەڭ ئۇلۇغ بىل، ئىسلام ئەھلى ئورتاق بايرام ئاستىدا ئۇيۇش، ئاندىن قالسا ئىسلامغا يات بولمىغان بايرامنى ئۆز يولىدا قىل دىگەنلىك چىقامدۇ بىلمىدىم.
يەنە بىر مەنبەلەردە :«مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرىمى بار» دىيىلىدىكەن.
شۇڭا بۇ ھەقتە مۇھەممەد سالىھ داموللار ھاجىم دەك ئۆلىمالىرىمىزدىن پەتىۋا ئاڭلىمىقىمىز دۇرۇس. ھەممىنى بىلگۈچى(بىلدۈرگۈچى) ئاللاھ تۇر.
ئاللا سىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىككى بايرامنى ھەدىيە ئەتتى»دىگەن . ئېنىقكى باشقا بايرام يوق دىگەن گەپ شۇ ، موللاملار مۇ بىكار ،بۇجاھان ئۇزۇن ، خەخ قىلغاننى قىلىپ ئەمەس بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىلغاننى قىلمىز
مەن ئەزەلدىن ماۋۇ نۇرۇز بايرىمىنى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتلاردىن چوڭ بىلىپ كېلىۋاتىمەن
ئونغوللىرىمغا ‹ئۇيغۇرلىرىمغا دىمەكچى› ئىچىنىمەن ، ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى بىلمەي ، ھىت – بايراملىرىدىن كىچىپ ، ئەرەپ بىلەن ئىسلامنى پەرىقلەندۇرەلمەي يۇرگەن قىرىنداشلىرىمغا ئىچ – ئىچىمدىن ئىچىنىۋاتىمەن.
يۈكسەلنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم، ھەقىقەتەنمۇ ئەشۇنداق يوقىلاڭ پەتىۋارلارنى چىقارغۇچىلار ئۈچۈن دەل جايىغا چۈشكەن يازما بوپتۇ بۇ، ئەگەر شۇنداق يوقىلاڭ پەتىۋارچىلارغا قويۇپ بەرسە ئەتە ئۆگۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىنمۇ تىنىشتىن يانمايدىغۇ دەيمەن، تېمىڭىزغا رەھمەت
نەۋرۇز بايراملىرى قۇتلۇق بولسۇن جانابى كاتتىباش!
يۈكسەلدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك!
رىۋايەتلەردىكى ئىنكاسىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، بىر يىل نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە!
بۇ چاغلاردا بەرىكەت كەم…
كەمىنە كۆرەش ھەممەيلەننىڭ نورۇزىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.
بۆرەياردىن بارلىق تورداش دوسىتلارغا نورۇزلۇق سالام!!
نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
مەنمۇ يېقىندا ئۆزى تەقۋە بەش ۋاق ناماز ئاغىنەمنىىڭ ئېغىزىدىن مۇشۇ توغرىسىدىكى پەتىۋانى ئاڭلاپ بىرقىسىمىي بوپ قالغان ئىدىم، مىراج مەشرىپىدىكى ھۆرمەتلىك ئۇستاز، ئالىم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىز بەرگەن چۈشەنچىلەرنى ئاڭلىغان بولغاچقا، بۇ دوستۇمغا بىر ئىككى ئېغىز رەدىيە بىرىپ قوياي دەپ ئويلىغان، لىكىن مۇشۇ دىنىي بىلىملەردە ئۆزىمىزىدن بىلىملىكرەك كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قارشى تەرپىدە تۇرۇپ گەپ قىلىش تەس كىلىدىكەن، ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپلا كىشىنى گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا ئەككىلىپ قويدىكەن، مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئوبدانراق بىر مۇنازىرىلەشمەي بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بولسا ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلساق، دىنىمىز ئىسلام، مەن مۇسۇلمان دەپ ئەرەپلەردىن ھەممە نەرسىنى دوراش توغرا ئەمەس، ئۆزىمىزگە چۇشلۇق تارىخمىز ۋە مەدەنىيتىمىز بار بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزسەك قىلچە خاتا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
كاللا بامۇ ئاداش يا ،بېز بۇ يەردە ئەرەپلەرنى دورىمىدۇق بىلۋالغىنكى ئىسلامنى دوراۋاتمىز
نەۋرۇز-يېڭى يىل باشلانغان كۈن . دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزىگە خاس شەكىلدە بۇ كۈننى قۇتلۇقلايدۇ ، تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىمۇ ، تەبرىكلەش شەكىللىرىمۇ بەزىلەرنىڭ ئوخشاش يەنە بەزىلەرنىڭ ئوخشاش ئەمەس . چۈنكى ئىقلىم ئوخشىمىغاچ كۈن ئوخشىماسلىغى مۇمكىن ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئوخشىمىغاچ تەبركلەش شەكلى ئوخشىماسلىقى تۇرغان گەپ .
خوش ،بىزنىڭ بۇ بايرىمىمىزنى پارىسنىڭ دەيدىغانغا – ئۇلارنىڭ باھار بايرام كۈنى ، تەبرىكلەش ئادەتلىرى بىزگە ئوپمۇ -ئوخشاشمىكەن ؟ 365 كۈننىڭ ئىچىدىكى ئۆزىمىزگە خاس مۇشۇ بىر كۈننىمۇ بوش قۇيىۋەتمەي چىشلەپ -تالىمىساقمۇ ، ئىسلامىمىزغا يات قىلمىشلار ئازمۇ بۇ جاھاندا ! ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، بىزنىڭ بۇ بايرىمىمىز يىلنىڭ باش باھارىنى كۈتىۋېلىپ ، پۈتكۈل خەلىقنى باھار بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ ئىش -ئەمگەككە چاقىرىدىغان بايرام ، بۇنى ئىسلامىمىز بىلەن يات قىلىپ قويغان كىم بۇلۇپ كەتتى ئەمدى ؟ دىنغا يات قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلار نىڭ گۇناھى ئۆزىگە بولمامدۇ ؟ بۇ ئەنئەنىۋى بايرام كۈنىمىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ ئەمچەكنى تاپالماي پوداققا ئۈسسىگەنلىكقۇ بۇ !نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ، ھىچقانداق ھۆكۈمرانلارغا ياكى دىنلارغا يات بولمىغان بۇ بايرام ، بىزنىڭ زامانىمىزغا كىلىپ ئۆزىمىزنىڭ قىسمەن خەلقىگە يات بۇلۇپ قالغىنى قىززىق ؟!
ئويلىنىپ باقساق بۇلىدۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ روزى ھېيىت ، قۇربان ھېيىتلىرىمىز نۇرۇز بايرىمىمىز بىلەن بىللە كىلىپ قالسا ، تەڭرى تېغى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپ ، ئىككى تەرەپ بۇلۇپ بايرام ماجراسى قىلىمىزمۇ ياكى قايسى بايرامنى ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي تىڭىرقاپ يۈرىيمىزمۇ ؟
شۇڭلاشقا ، بۇيەردە مۇرەسسە قىلىشقا ياكى بەس -مۇنازىرە قىلىشقا قەتئي ئورۇن يوق ،نۇرۇز بايرىمى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ، روزى ھېيىت ،قۇربان ھېيىت يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ ھېيىتلىرى ، بىز بولساق ئۇيغۇر -مۇسۇلمان .
بۇ يازمىنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن. يۈكسەل ئەپەندىنىڭ مۇنۇ تەپەككۇر يولىدىن بەك سۆيۈندۈم!
«ئىسلام ھېچقاچان مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، مىللەتلەر ئۆزگىچىلىكىنى ئىنكار قىلغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىلەت – مىللەتلەرگە، تۈرلۈك ئىرقلارغا ئايرىپ ياراتقىنىدا ئېنىقكى ئۇلۇغ بىر ھېكمەت بار. ئەگەر خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش بىر تىلدا سايرايدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئۇيقۇرمىسىدا ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان بولار ئىدى. »
بلوگىمدىكى تەرجىمە قىلغان يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپسىزدە، جايىغا چۈشۈپتۇ بۇ گەپ
سەركەردە مۇنداق يازغان:
2011-يىل 20-مارت 21:20
مەن ئەزەلدىن ماۋۇ نۇرۇز بايرىمىنى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتلاردىن چوڭ بىلىپ كېلىۋاتىمەن
___________________________________________________________
بىز ئەنئەنۋى بايرامنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن بايراملىرىدىنمۇ ئۈستىن ئورۇنغا قويسىڭىز
مىنىڭچە سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى مەن مۇسۇلمان دىيىشكە ھەققىڭىزمۇ يوقتەك قىلىدۇ
كاللا تەپەككۇر قىلمىسا بىكا جۇمۇ….نادان!
مەنمۇ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ قارشىنى قوللايمەن! پەتىۋاچىلار( ئاز بىر قىسىم كىشىللىرىمىزنى دىمەكچى) بەزى ۋاقىتتلاردا ھەممە نىمنى خاتا دەپ ئادەمنى دىلغۇل قلىشىدۇ، ھەتتا مۇسۇلماندارچىلىق توغرىسىدىكى بەزى پەتىۋالارمۇ بىر- بىرىگە زىت!
ئۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ئەڭ مۇھىمى مىللىي ئەنئەنىنى يۇقۇتۇش خۇددى ئۆزنىڭ دۇنياغا كىلىشىگە سەۋەپچى بولغان ئاتا -ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالغانغا ئوخشايدۇ، شۇنىسى ئېنىق بۇلۇش كېرەككى بىز ھەرگىزمۇ ئەرەپ بۇلىمىز دەپ ئەرەپ بۇلالمايمىز، بەلكى مۇسۇلمان بولاللايمىز، ئىسمىمىزنى ئەرەپچە قۇيۋالساقمۇ بىز ھامان ئۇيغۇرنۇڭ پۇشتى ….
يەنە بىر گەپ يۇقۇردىكى ئېنكاسلاردا ئوتتۇرغا چىققاندەك بىز بۇرۇنمۇ جىق نەرسىلەرنى باشقىلىلارغا تاشلاپ بەردۇق ! يەنە مۇشۇ كونا سەنەمگە دەسسەپ كىتىۋەرمىسەك… زامانىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن بىراۋ ( مەيلى ئالىم بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن) بىر جايلارغا بىر ئىش توغۇرلۇق ‹‹مۇنداق ›› ئىدى دەپ يېزىپ قويسا ، كىينكىلەر ئۇلۇغلىرىمىز مۇنداق دىگەن دەپ نەقىل ئېلىپ يېزىۋەرسەك ، ‹‹ئۇ›› ‹‹ ئۇلۇغ كىشىنىڭمۇ ئېنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق بولىدۇ؟…
نورۇز بايرىمىمىزنىمۇ ھەممە يەردە قارسام ھىلى پارسنىڭ ، ھىلى يەنە بىر نىمىنىڭ دەپ (خۇددى بىزدە يوق ، بىز تاماششىبىن دەك ) يېزىپ قۇيىۋاتىمىز…
تىلشۇناسلىقتا ھەممە جاھان تىللىرىنىڭ كېلىش مەنبەيى بىر مەنبە ئىككى يۈلۈنىش بۇيۇنچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دەيدۇ… ئەجىبا نورۇز ئاتالغۇسى بۇنوڭدىن مۇستەسناما؟ تىلىمىزدا ئاشۇ ‹‹ نورۇز›› دىگەن سۆز دىن باشقا پارىسچىغا ئوخشاش ( شەكىلداش ۋە مەنىداش ) سۆزلەر يوقمۇ ؟ ئۇنداقتا تىلىمىزدىكى ئاشۇ نۇرغۇنلىغان سۆزلەر نىڭ ھەممىسى ( پارىسچە ، ئەرەپچە، قەدىمقى يات ئەل تىللىرىدا بولغان ،بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ بار بولغان سۆزلەر . يەنە نۇرغۇن سىرىتتىن كىرگەن سۆزلەر بارلىقى بىزگە ئېنىق) نى باشقا تىللارغا تەۋە گە چىقىرىۋەتسەك بىزگە نىمە قالار؟ ئەجبا بىزنىڭ تىلىمىز يوق گاچا ئىپتىدائىي خەلىق مىدۇق؟ ….
گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەم : بىزنىڭ ئاساسسىي لوغەت تەركىبىمىزگە كىرىپ بولغان سۆزلەر بىزگە تەئەللۇق ( چۈنكى ئۇنى بىز چۈشۈنىمىز ، بىز قوللىنىمىز…) . بىزنىڭ ئەنئەنىمىز دە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قائىدە يۇسۇن-ئۆرۈپ ئ-ئادەتلەر بىزنىڭ ! بىز ئۇيغۇرنىڭ ! بىز ئاتەشپەرەسنىڭ ئەۋلادى، بىز بۇت پەرەسلەرنىڭ ئەۋلادى ، لىكىن بىز ھازىر مۇسۇلمان…..
ھەر قانداق مىللى مەدەنىيەتنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىغا توغرا كەلتۇرمىسە ھەممىسى بىكار~!!!!!
يۈكسەل ئەپەندى !
1. ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىغا كىرگىنىگە 1400يىل ئەمەس ،1000يىللار بولدى. بۈيۈك ئىسلام دىنىمىز ئۆزى 1400يىل بۇرۇن ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا نۇر بولۇپ كەلدى.
2.ياشىغانكەنمىز ، نەپسىمىزلا بولىدىكەن، ئېتىقاد بىلەن ئالاقىسى يوق ھېچنىمە يوقتۇر جاھاندا.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :« …ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دەيدۇ. بۇ يەردىكى ئىبادەت ئىنساننىڭ ھەربىر تىنىقلىرىدىن تارتىپ قەدەملىرىگىچە ئاللاھ رازىقى ھەققىدە بېسىلغان يوللارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن نۇرۇزغا نەزەر سېلىپ باقساق :
1› ئۇنىڭ خاتىرلەيدىغىنى نېمە ، قانداق كۈن؟
2› ئۇ قانداق پەيدا بولغان ،قاچان پەيدا بولغان ، ئۇيغۇرلار ئۇ چاغدا قانداق باتىل ئېتىقادتا ئىدى؟
3› ھازىر ئۇ قانداق خاتىرلىنىۋاتىدۇ؟ بەزى جايلاردا چوڭ گۈلخانلارنىڭ يېقىلىشى ، مەشئەللەرنىڭ تۇتۇپ يۈگۈرۈلىشى ، سەھنىلەردە كېندىكى ئوچۇق قىزلارنىڭ ناچار ناخشىلارغا ئۇسۇل ئوينىشى قانداق ئىش؟ بۇ ئىسلام ئەقىدىسىگە يات ئەمەسمۇ؟ ھازىرقى ناخشا تېكىستلىرىمىزغا زەن سالساق ،ئاز دېگەندە 70%دىن ئەپسانە ۋە چاتاق مەزمۇنلار چىقىدۇ؟ مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئىش پائالىيەت قىلامدۇ؟
ئەڭ مۇھىمى ئىسلامدىكى بىر پەتىۋانى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مول ،ساغلام دىننىي بىلىم كېرەك بولىدۇ.ھەم دەلىللەر قارشى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى ئاغدۇرالىغۇدەك ئەتراپلىق بولىشى كېرەك. ئەمما سىزنىڭ بۇ دېگەنلىرىڭىز؟؟؟؟؟
ئالدى بىلەن ، سىزدىن سوراپ باقسام ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان ئىسلامغا كىرگەنلىكى بىلەن نۆۋەتتىكى مۇنازىرىمىزنىڭ قانچىلىق باغلىنىشلىقى بار؟! سىز نېمىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرگەن ۋاقتىنى 1400 يىلدىن 1000 يىلغا قىسقارتىپ قويسىز؟! بۇ قىسقارتىشتا قانداقتۇر بىرەر سىرۇ – ھېكمەت بارمۇ قانداق؟!…
توردىشىمىز گۈلەننىڭ ئەلكۈيىدىكى ئىنكاسىغا كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق ئەزاسى قارالغان قارلۇقلار تۈركلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ تۈركلەرنىڭ قىياپەتلىرى ۋە سالاھىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىمۇ ”تۈرك تىلى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ“ دېگەن ھەدىسنى تىلغا ئالغان. دىيارىمىزدا قارلۇق بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە قەشقەرگىچە شىمالدا ئالتايدىن جەنۇپتا خوتەنگىچە تارقالغان. قارلۇقلارنىڭ دىيارىمزنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇدلۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە يەردە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك پەيغەمبىرىمىز زامانىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سودىگەرلەر ئارىسىدا، تارقاق ھالەتتە بار ئېدى. ئۇيغۇرلار تۇنجى قەدەمدە ئىسلامغا ئەرەبلەرنىڭ قىلىچى ۋاستىسى بىلەن ئەمەس پەيغەمبىرىمىز زامانىدا سودا تىجارەت ۋاستىسى بىلەن كىرگەن. كېيىن بۇ تىجارەتچىلەر پادىشاھلارغا تەسىر قىلىپ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتقان. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد دېگەن بۇ نەرسىنىڭ دۆلەتتە قانداق ئورنى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ئۇلارنىڭ خاقانلىرىمىزغا تەسىر قىلالىشىنىڭ ۋەزنىنى ئاڭقىرالايسىز. ساتۇق بۇغراخان ئىسلامنى دۆلەت دىنى قىلىشتىن بۇرۇنلا ئوردۇكەنت قەشقەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغان. ئەگەر تارىخنى سىرلىق دەپ بىلمەي، ئەقىل بىلەن تەھلىل قىلساق، مۇسۇلمانلار مەلۇم سالماقنى تەشكىل قىلمىغان دۆلەتتە خاقان دۆلەتتە ئىسلامنى جاكارلىسا چوقۇم تەختتىن غۇلاپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىرلا ساتۇق بۇغراخانغا تەۋە قىلىپ قويۇش ئىلمىيلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە شەخسنىڭ قۇدرىتىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇش نادانلىقىدىن باشقا گەپ ئەمەس. فارابى(872-960) بوۋىمىز 9-ئەسىردە ياشىغان دۇنياۋىي ئالىم، پەندە ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئېدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەيغەمبەرىمىز زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن شەكلەنسىڭىز 9-ئەسىردە ياشىغان فارابىنىڭ مۇھەممەد ئىسىملىك مۇسۇلمان داداسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخى پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىن باشلانمىغان بولسا بىزدىن9- ئەسىردىلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا مەشھۇر ئالىمنىڭ چىقىشىغا ئەقىل يەتكۈزەلمەيمىز.
1- سۇئالغا جاۋاب: نورۇز – يىل بېشى ، يېڭى كۈن. ئۇنىڭ خاتىرىلەيدىغىنى ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە شەپقىتى بىلەن يېڭى بىر باھارغا سالامەت ئۇلاشقانلىق، ئاللاھقا شۈكرانە ئېيتىش، يېڭى باھارنى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن كۈتۈۋېلىش، دېھقانلار ئۈچۈن كەتمەننى قولغا ئېلىپ ، ئىش – ئەمگەككە كىرىشىش، كەلگۈسى يېڭى يىلدا قادىر ئىگىمىزدىن ئىش – ئەمگەكلىرىمىزگە مول نەتىجە، تېرىقچىلىقلىرىمىزغا مول ھوسۇل، كۈنلىرىمىزگە ئاسايىشلىق، پاراۋانلىق تىلەشتۇر.
2 – سۇئالغا جاۋاب: ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى يۇقارقى تېما ۋە يۈكسەلدىكى باشقا نورۇزغا ئالاقىدار تېمىلاردا يەتكۈچە ئىزاھلانغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ جايدا يەنە كالتە جاۋاب بېرىپ ئۆتەي. نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ناھايىتى ئۇزاق قەدىمقى زامانلاردىلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تەبىئەت بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇڭدىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان قەھرىتان قىشتىن سالامەت چىقىپ باش باھارغا ئۇلاشقاندا، قار – مۇزلار ئېرىپ ئەگىز – ئېقىنلار ئاققاندا، بارچە تەبىئەت ئويغىنىپ ئوت – گىياھلار ياشنىغان پەيتلەردە بارلىق كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان كۆكتەڭرى ( ئۇلۇغ تەڭرى ، قۇدرەتلىك ئاللاھ ) گە رەھمەت ئېيتىشنى، ئۇنىڭغا تىلاۋەت قىلىشنى ، تەبىئەتتىكى جانلىنىشقا ئەگىشىپ تەنتەنە قىلىشنى، يېڭىچە جۇشقۇنلۇق بىلەن تېرىقچىلىق، چارۋچىلىق، سېتىقچىلىق … قاتارلىق جاھانسازلىققا كىرىشىشنى بىلگەن. ئۇيغۇرلار ئۇ چاغدا ئىسمى ئۇيغۇرچە بولغان ‹‹كۆكتەڭرى ( ئۇلۇغ تەڭرى، ئۇلۇغ ياراتقۇچى، كائىناتنىڭ ئىگىسى دېگەنلىكتۇر )›› گە ئىتىقاد قىلاتتى. ئەينى چاغدىكى گۈلخان يېقىش ياكى مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈرۈش پەقەت تەڭرىغا قۇلچىلىق بىلدۈرۈش ياكى سورۇن كەيپياتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈنكى ھەرگىزمۇ ئۆزى ياققان ئوتقا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئەمەستۇر. ھېلىھەم بەزى كىشىلەر گۈلخان ياققان ياكى مەشئەل كۆتۈرگەن بولسا شۇلاردىن سوراپ كۆرگۈلۈك، ئۇلار شۇ ئوتقا چوقۇنۇپتىمۇ ياكى؟! ….
3. سۇئالغا جاۋاب: سىز تىلغا ئالغان ئىشلارنى تەن ئالماسلىققا ئىلاجىمىز يوق. ھەقىقەتەنمۇ بەزى كىشىلەردە ھېيت – بايراملىرىمىزنى ئىسلام ئەقىدىسىگە مۇغالىپ يوللار بىلەن ئۆتكۈزۈپ بايراملىرىمىزنىڭ شەرىپىنى بۇلغايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. يالغۇز نورۇز ئەمەس، قۇربان ھېيىت ، روزا ھېيىتتەك مۇقەددەس بايراملاردىمۇ بەزى كىشىلەر ئەتىگەندە مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋېتىپ، ئۆيىگە پەتىگە كەلگەن ھېيىت ئەھلىگە ھاراق سۇنىدىغان، كەچلىرى قاۋاق – رېستۇرانلاردا ‹‹ رەڭلىك ›› ئوينايدىغان ئەھۋاللار بار. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بىز ھېچقاچان بايراملارنى ئەيىپلىيلەمەيمىزغۇ ؟! … ئەيىپ ئىنسانلاردا ھەرگىز ھېيت بايراملاردا ئەمەس. مېنىڭچە بۇ تەرىپىمۇ سىزگە ھېچ خىرە بولمىسا كېرەك.
ئاخىرىدا، ئۆزەمنىڭ دىنىي ئىلىمدە ھەقىقەتەن ناقىسلىقىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەن ئالىمەن. ئەمما، بىز ئۈچۈن پىكىرلىشىش، ئۆز – ئارا تولۇقلاش ئىمكانىيىتى تۇرۇپتۇ. بىلگىنىنى ئەلدىن ئايىماسلىق، ئىلىم تارقىتىش، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، بىر – بىرىگە ئەينەك بولۇش مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن…
ئەردەك گەپ قىپسە
ئاللاھ رازى بولسۇن گىپڭدىن
ماڭا قاراڭ سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزدە سىزگە باشقا گەپقىلغۇم يوقتى . چۈنكى جانابى رەسۇلىللا كىمكى ياتمىللەتكە ئوخشىۋاسا ئۇبىزدىن ئاماس دىۋەتكەن. بۇنداق قىلسىڭىز مەڭگۇ ئازغۇچى بولسىز. چۈنكى قۇران ھەدىس ئىنىق دەلىلبا بۇبىرشەخىسنڭ پىكرىچە بولدىغان ئش ئامەسبۇ. بىلدىڭىزما!
راس مەنمۇ شۇنى دىمەكچى
دىگەنلىرىڭىز بىرئاز توغرا بولدى ‹كىمكى باشقا مىللەتكە ئوخشىۋالسا شۇ بىزدىن ئەمەس› ، سىز مۇ قارىغۇ لارچە ئەرەپلەرگە ئوخشىۋالماڭ، بىز ئۇيغۇر لارنىڭ مۇ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق مەدىنىيتىمىز ،ئۆرۈپ ئادىتىمىز بار، بۇنىمۇ دىن بىلەن باغلىۋالساق ، بىز نىڭ ئەرەپ تىن نىمە پەرقىمىز ،سىز ئەرەپ دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئىسلام دىگەن ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۋەتمەڭ ،
چۈنكى جانابى رەسۇلىللا كىمكى ياتمىللەتكە ئوخشىۋاسا ئۇبىزدىن ئاماس دىۋەتكەن
ناۋادا رەسۇلىلا ئىسلامنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ ، دىمەكچى بولسىلا مۇنۇ« يات مىللەت» دىگەن سۆزنى سىلە ھەدىيە قىلدىلىمۇ؟ راستىنلا مىللەتنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ ، دىمەكچى بولسىلا دۇنيادىكى مۇسۇلمان بولغان بارلىق مىللەتلەر مەڭگۈ ئەرەب بۇلالمايدۇ ، بۇنى بىلىدىغانسىز ؟
ئىسلام دىنىمىز بەكلا نازۇك دىن ، شۇڭا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماقچى بولغاندا ئەستايىدىلراق بولغىنىمىز تۈزۈك !
بۇ ھەدىستىكى ‹مىللەت›دىگىنىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟؟
ئېنىقكى بۇ ماركىسىزىملىق مىللەت قارشى ئەمەس…
ماكىسىزىملىق مىللەت قارشىدا دۇنيادا نەچچە مىڭ مىللەت بار، لىكىن ئىسلامدا پەقەت ئىككىلا….
‹نۇرۇز›غا بىر ھۆكۈم چىقىرىپسىز،دىمەك بۇمۇ بىر پەتىۋا ھېساپلىنىدۇ…
بىر شەيئىگە ھۆكۈم چىقىرىپ پەتىۋا بەرگىدەك سىز كىم؟؟ئىسلامدىن قانچىلىك بىلىمىڭىز بار؟
‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتتىن باشقا ھېيت – بايرام بولمايدۇ ›› . مېنىڭچە بۇ پەتىۋانى ‹‹ مۇسۇلمانلاردا قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن باشقا دىنىي بايرام بولمايدۇ ›› دەپ تولۇقلىغان تۈزۈك.
1400يىلدىن بېرى ئالىم ئۆلىمالار، ساھابىلەر ھەتتا پەيغەمبىرىمىزمۇ بايقىمىغان يېڭى بىر ئىشنى بايقاپسىز، بولسا بۇ بايقىشىڭىزنى سەئۇدى ئەرەبىستا پەتىۋا كومىتىتىغا ئەۋەتىپ بېقىڭ،ئەگەر بۇنى ئەرەپپەرەسلىك دەپ قارىسىڭىز،جۇڭگو ئىسلام جەمىيىتىگە ئەۋەتىڭ …
توغرا دېدىڭىز. تېما يوللۇغۇچىنىڭ چۇشىنىپ تېما يوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇيغۇرلىرىمىز سىزدەكلا بولدىغان بولسا 100يىلغا بارماي ئۇيغۇر دىگەن نام يەرشارىدىن يوقىلىدۇ.
دۇنيادا ئىككلىلا مىللەت بولسا ئەرەپلەر ، پارىسلار ئۈزىنى نىمىشقا مۇسۇلمان مىللىتى دەپ ئاتىماي ئەرەپ پارىس دەپ ئاتايدۇ؟
ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى سىزنىڭكىدىن سۇسمۇ؟ ياكى مۇسۇلمان بۇلۇشقا سالاھىيىتى توشمايدىغان ، كاپىر بوپ كەتكەن خەقمۇ؟
خەقنى ئالدىراپ كاپىرغا چىقارمايلى. مۇشۇندا يىنىكلىك بىلەن چىقىپ كەتكەن ۋەزنى ئېغىر بۇ سۆزدىن گەپ قىلغۇچىنىڭ قىزىپ كەتكەن كاللىسىنى ھىس قىلغىلى بۇلۇدىكەن،
بايقاش توغرىلىق گەپ چىقىپ قالدى. ھەممىنى خۇدا بىلىدۇ دەپ ئەرەپ تەرەپكە قاراپ ئەرەپ بولسىلا يان بېسىشنى مۇسۇلماندارچىلىق دەپ تۇرماي ئانچە-مۇنچە پىكىر قىلغاننىڭ زىيىنى يوق. ئۇيغۇرمۇ بايقىسۇن، بايقاشقا تىرىشسۇن.
بايقاش يامان ئىش ئەمەس. مەسىلەن سىز كاپىر ناسارا بايقاپ ياسىغان كومپيۇتېردا قازى-كالانلىق قىلىۋاتىسىز.
سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز مەنمۇ مۇسۇلمان. بۇ يەردە ئۇيغۇرچە خەت يازغان ھەممە ئادەم مۇسۇلمان. مېنى كاپىرغا چىقارماقچى بولسىڭىز شۇنداق قىلىپ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىڭ. چۈنكى سىزنىڭ نىمىگە چىقىرىشىڭىز ئەھمىيەتسىز. سىز خۇدا ئەمەس.ئەرەپ تېخى ئەمەس.
بۇنداق تۆھمەت قىلماڭ قېرىندىشىم، مەن تېخى بىرسىنى كاپىرغا چىقارمىدىم.
مەندە قازى كالانلىق قىلغىدەك بىلىم يوق.
ئۇيغۇرچە خەت يازالىغان ئادەمنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولسا بۇ ياخشى گەپكەن….
اللە خالىسا موئمىن مۇسۇلمان جەننەتكە، مۇناپىق…..دوۋزاققا كىرىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ،قازاق جەننەتكە، ئەرەپ پارىس دوزاققا كىرىدۇ دەپ گەپ يوق. بۇ مىنىڭ ئىككى مىللەت دىيىشىمدىكى سەۋەپ…
ۋاقتى كەلگەندە سۇئاللىرىڭىزغا اللە ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ ، ئىنشا ئاللا….
ياكى سىزنىڭ خاتا ، ياكى مىنىڭ، ياكى ھەر ئىككىمىزنىڭ…
سىز نىڭچە دىن ئۇقىمى بىلەن مىللەت ئۇقىمى بىرگەپ مۇ؟!
جانابى رەسۇلىللاھ «كىمكى ئۈزىنى باشقا بىر قەۋىمغا ئوخشىتىۋالدىكەن،ئۇشۇقەۋىمدىن بولۇپ كىتىدۇ»دەگەن.«ئبىنى ماجەۋەتىرمىزى رىۋايىتى»
يەنەمۇنداق دىگەن:ئۈزىنى« باشقىلارغا ئوخشىتىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس»دىگەن. «ئەبۇداۋۇت رىۋايىتى»
ئاللاھ ئۈزۋەدىسىدە زىكىر قىلىپ سىلەرگە يەنى ئۈزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارغا «روزاھىيىتنى» «قۇربان ھىيتنى» ھەرھەپتە جۈمە كۇننى سىلەرگە بايرام كۇنى قىلىپ بىكىتتۇق.دىدى.
ئنىق قۇران ھەدىس تۇرسا ھىلىمۇ باشقىلارنى دورايمىز.دەپ مۇشۇ كۈنگە قالغان مىللەتبىز، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئوينۇشۇۇپ. بىزگە باشقىلارنى دوراش مۇسۇلمانلارغا ياراشمايدۇ. بۇبىر ئادەمنىڭ پكرىچە بولدىغان يەكۇن ئەمەس، سىزياخشىراق تىنىچ ئبادەت قىلىپ ئاللاھقا يىقىللىشىپ بىر ئستىخار سەپ كورۇپ بىقىڭ . سىز نىڭ يەكۇنىڭىز توغرىمۇ؟ ياكى بىزنىىڭ خاتامۇ؟ توغرىسىنى ئاللاھ سىزگە دەپ بەر سۇن، ئېستىخارنىڭ چۇش چۇشمەسلىككە قاراپ يەكۇن چىقار سىڭىز . توغرىسى شۇ . يەنە بىرگەپ «ئاللاھ نى تونۇشتىكى 10 سۈپەت،» ېچېىدە سەن قايسى مىللەتتىن دىسە ، مەن ئبراھىم خەلۇلىللھنىڭ مىللىتىدىندۇرمىز دەي دىغان بىر سۈپەت بار. يازغانلىرىم خاتابولسا تۈزتۇش بىرەسىز. قالغىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن يانا ياخشىراق ئويلاڭ.
يەنەبىرئش « سىز كاپىر ناسارا بايقاپ ياسىغان كومپيۇتېردا قازى-كالانلىق قىلىۋاتىسىز.» دەپسىز قىرىندىشىم. شۇسەمىڭىزدە بولسۇنكى ئۇنداق ساۋاتلارنى مەخسۇس قازى كالام ئسېملىكلە بىلمىسىمۇ ھەرقانداق مۇسۇلماندا بىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلا ئۇ، پۈتۈن كاپىر ناسارالا بىرلەشسىمۇ، چىۋىننىڭ قانىتىچىلىك نەرسىنى مىدىرلى تىشقا قادىر ئەمەس . كۈچلۇك ئماننىڭ ئالدىدا كاپىر ناسارا بايقاپ ياسىغان كومپيۇتېر دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەڭ ئلغار تىپتىكى يىڭىلىقلامۇ ئۇنەڭغا يەتمەيدۇ،
ۋاھ .. ئەمدى مۇسۇلمان ئۇيغۇر-كاپىر ئۇيغۇر دەپ ئىككى قاش بولغىلى تۇردۇق! ئەتە-ئۆگۈن شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ قالغاندا قولغا قۇرال ئېلىپ بىر-بىرىمىزنى قىر غىلى تۇرساق، ياندىكى مۇسۇلمان-كاپىرلار تاماششاھ كۆرسە! نىمىدىگەن ئىسىل ھە؟!! ھىلھەم بىزگە ئازلىق قىلىۋاتقان چېغى!…
كىم كىمنى كاپىر دەۋاتىدۇ . ئۇنداق خەتنى كورمىدۇمغۇ مەن . خەتنى توغرا ئوقايلى. بۇ قىرىندىشىمىز بۇجەھەتتە دەلىل كەلتۇرۇپتىغۇ ، كاللىمىزغا نىمە كەلسە دەۋەمەي. زىدىيەت پەيدا قىلمايلى .
‹ئىسلام ھېچقاچان مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ، مىللەتلەر ئۆزگىچىلىكىنى ئىنكار قىلغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىللەت – مىللەتلەرگە، تۈرلۈك ئىرقلارغا ئايرىپ ياراتقىنىدا ئېنىقكى ئۇلۇغ بىر ھېكمەت بار. ئەگەر خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش بىر تىلدا سايرايدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئۇيقۇرمىسىدا ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان بولار ئىدى› مونۇ سۆزنى مەن نەقىل كەلتۈرۈپ بولغىچە ئۈستىدە تورداش رىشتە نەقىل كەلتۈرۈپ بولۇپتۇ، مانا بۇ دۇنياۋى ئىسلام ئالىمىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئېيتقان سۆزلەر(شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن يۈسۈپ قەرزاۋىنى زىيارەت دېگەن پروگراممىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈڭ)، دىنى كىتاپلارنى ئوقۇغانلا كىشى دىندىن بىلىمى بولغان ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان كىشىلا ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ، قارىسام بۇ يەردىكى تورداشلار تاسلا قاپتۇ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇپ كەتكىلى
نورۇز بىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىللىي بايرىمىدۇر، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا، تۈركىيەدە بۇ بايرام ھەر يىلى شۇنداق كاتتا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ مۇسۇلمان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەرسىنىڭ بۇ بايرام بىزگە يات دەيدىغان شۇئار كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى ھەتتا ھازىرغىچە تور دۇنياسىدا ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما مۇنۇ ئۇيغۇرلىرىمىز ئەتە ئۆگۈن ئۇيغۇر دېگەن نام تۈركچە ئىكەن، ئەرەبچە ئەمەسكەن بۇ نام بىزگە ياد دەپ قوپىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ
ئاغزىڭىز غا ناۋات ، ئىسىىملىرىمىز غۇ ساپلا ئەرەپچە ، ئازراق بولسىمۇ مەدىنىتىمىز كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قالسۇن .
ئەمىسە ئازغۇن،بىزدىن ئەمەس،باشقا قەۋىم دېگەن گەپلەر قانداق گەپ ئەمىسە؟بىزدىن ئەمەس ،خەقتىنمۇ ئەمەس ،ئۇتتۇرىدىكى 3-خىل خەق دېمەكچى بولساق دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بۇلۇدۇ دېگەن گېپىمىزدىن يېنىۋالغان بوپ قالدۇقمۇ قانداق.
مەنمۇ ئەلۋەتتە خاتا چۈشىنىپ قالغان بۇلۇشۇمنى خوشاللىق بىلەن ئۈمىت قىلىمەن.
ھەرخىل كۆزقاراشلار ئوتتۇرغا چىقىپتۇ بۇ يەردە!
ئاڭلىشىمچە، نۇرۇز بايرىمىنى ئىران، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت خارەكتىلىك ئۆتكىزىلىدىكەن. ۋاھالەنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىنى ئىسلام. ئەجىبا ئاشۇ ئەللەردە نۇرۇز بايرىمىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمىنى بىلدىغانلار يوقمىدۇ ياكى ئۇلار بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە جاھىللىق قىلىپ ئۆزىنىڭ قارشىدا چىڭ تۇرىۋاتامدۇ؟ ياكى بۇ يەردە باشقا بىر ئەھۋال مەۋجۇتمۇ؟
ياكى شۇ ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلى ھىسابلىنىدىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «ئازغۇن»مىدۇ؟
مەن ھەممە قىرىنداشلىرىمىزنىڭ باھا لىرنى كورۈپ چىقتقم.
قىرىنداشلىرىم مەن سىلەردىن بىر سۇئال سوراپ باقاي.
سىلەر ئاۋۇ دولەت قىپتۇ مەن قىلدىم. ئاۋۇ مىللەتقىپتۇ قىپتۇ مەنقىلدىم.دەيسىلە. سۇئالىمغا ئەستايىدىلىق بىلەن جاۋاپ بىرىڭلا . بولۇپمۇ شاھ ئۇيغۇر، تورداش سىلە ئۈزپىكرىڭلانى دىمەي شەرىيىتكە ئۈز خايىشىڭلا بويىچە جاۋاپ بەر مەي، دەلىل ئەكىلىڭلا دەلىل بولمىسا ئۈز پىكرىڭلادا چڭىتۇرماڭلا گۇناھكار بوپقالسىلە، دەۋەتچى بۇرادەرنىڭ پىكرىنى قارسام يۈزەكى بىلىپسىلە. سۇئال مۇسۇلماندىگەن بۇ نام زادى نىمە مەنە بىردۇ؟
بىر ئادەمنىڭ ئەجداتلىرى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۇنلا ئۈزۇمۇ مۇسۇلمان بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئەبەدى_ئەبەد مۇسۇلمان بولىۋىرەمدۇ؟ مۇسۇلمان دىگەن بۇ نام ئىڭىگىلىز دىگەندەك بىرەر مىللەت ياكى ئىرىقنىڭ ئسمىمۇ؟ ئسلام جەمىيتىدە تۇغۇلۇپ ، ياشاپ چوڭ بولغان كىشلەرنى مۇسۇلمان دەپ ئاتساق بولىۋىرەمدۇ؟ بومەسلىگە سىلەر قانداق جاۋاپ بىرسىلە؟ تورداش بۇرادەرمۇ ئىراندىگەن شىئە مەزخىپى تۇرسا بىزدىگەن « جانابى رەسۇلىللانىڭ سۇنىتىدىن تارتىپ ئجرا قىلدىغان سۇننى مەزىخەپ تۇرساق » قانداق ئوخشايدۇ . ئۇلا سۇننەتنى ئجرا قىلمايدۇ. ئۇلارنى دورساق قانداق بولدۇ. سەل ئويلاپراق پەتىۋابەرسەكمۇ كىچىك مەيمىز. تۈركىيە فىلىملىرنى كورگەن بولشىڭلا مومكىن. مۇسۇلمان لادىگەن. شۇنداق ئاياللار ئشتان كىيىپ ، ئەرلەر شىشى خا خا قىلشىپ ئاللاھ چەكلىگەن رەسۇلىللاھ بۇيرىمىغان بىدىئەت ئشلار بىلەن شۇغۇللانسا شۇ مۇسۇلماننىڭ قىلدىغان ئشما ئسلام رەسۇلىللا بىزگە مۇشۇنداق ئۈگەتكەنما سىلەر مۇسۇلمان قىلدى دەپ مۇشۇنداق ئشلارنى قوللىماقچىما . سەل ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن سەل ئويلاپ ئشقىلقڭلار . بولمىسا ئۇدۇنيا ئەمەس . مۇشۇ دۇنيا مۇشۇ ھايات سەپرىڭلادىلام . ئاللاھنىڭ ئازابىغا قەپ قالسىلا . دەۋەتچى بۇرادەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. باشتىكى سۇئالىغا يانا ئۈزخايىشىڭلاچە جاۋاپ بەرمەي ، دەلىل ئەكىلىڭلا، يەنى ئۇقىپتۇ ، بۇقىپتۇ ، دىمەي مۇسۇلمان بولغەندىكىن . ئاللاھ بۇيرۇپتىمۇ؟ جانابى رەسۇلىللا قىپتىمۇ ؟ « لااله الا الله محمد رسول» دەپ مۇسۇلمان بولغان دىكىن . مۇسۇلمان دىگەن ھۈكۇمنى ، «قۇران ھەدىس» دىن ئىزدەيمىز. ئۈزرەيى بويىچە سوزلەيدىغان شەرىئەت ئامەسبۇ .
ئەڭ ياخشىسى « دانىيەلىك كىلىننى» كورۇڭلا تۇركىيە ياۋۋرۇپاچە تۈزۈمدە ياشاۋاتامدۇ؟ يا ئسلامچىمۇ؟
ئاڭلىسام نورۇزدا ساماسىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. دەيدۇ . بۇ ئىسلامدا قول كوتۇرۇش ئۇسۇلغا بولمايدىغان تۇرسا ، ئاياللامۇ شۇنداقكەن. ئسلامچەكلەيدىغان ئەقىدە تۇرسا بۇ مۇشۇنداق ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئوينشىپ نىمىمۇ كۈن كورەمىز بىز ھەي . بوپتۇ مەن تالاش ماي مەن قىرىنداشلىرمىز مۇ دەپتۇ. مەنمۇ دەپ قوياي . ئاللاھ نىڭ قانۇنىغا ئويناشمايلى. قىرىنداشلار
سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگىنىگە 1400 يىل بولدى دەپ تۇرۇۋالغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) 1400 يىل بۇرۇن يەنى مىلادى 600-يىللىرى ئىسلامنى تارقاتقان، سىز ئۇيغۇرلار شۇ چاغدىلا ئىسلامغا كىرىپ بولغان دېمەكچىمۇ؟ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامغا كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر تۈرك ئىكەنلىكى خەۋىرىڭىزدە بولسا يىل ھېسابلاش ئۇنچە تەس ئەمەسقۇ دەيمەن.
نۇرغۇن ئىشلار ئېتىقادنىڭ سۇس-كۈچلۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەممە ئادەمنى بىر پىكىرگە كېلىشكە زورلىغىلى بولمايدۇ، نورۇز مەسلىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. سىز پەتىۋا بەرگۈچىلەرنى قانداق تىل بىلەن سۆكمەڭ، ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولدى، ھەتتا پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئاللاھ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا كىشىلەرنى چوقۇم ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى بەرمىگەن. ئېسىمىزدە بولسۇنكى بىر بىر-ئىككى ئادەمگە، ياكى بىرەر مىللەتكە ئەمەس ئاللاھقىلا چوقۇنىمىز، ئاللاھنىڭ قىل دېگىنىنى قىلىمىز، قىلما دېگىنىنى قىلمايمىز. پەتىۋا مەسىلىسىدە ھەدىس ۋە قۇرئاندىن باشقىسنى تىلغا ئېلىش ھېچقانداق ئېتىقادلىق مۇسۇلماننى قايىل قىلالمايدۇ.
كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى مۇسۇلمان، ئەمەلىي ئەمەس، بىر-بىرىمىزنى كافىر-مۇسۇلمان دەپ ئايرىغاندىن كۆرە مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك قانچىلىك پەزىلەتنىڭ، قانچىلىك ئىماننىڭ، قانچىلىك ھەرىكەتنىڭ، قانچىلىك ئىبادەتنىڭ ئۆزىمىزدە بار ئىكەنلىكىنى سورايلى.
باھارىم قېرىندىشىم،
سىز كەينىدە قاپسىز، يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بوزئەرگە يازغان ئىنكاسىنى ئوقۇسىڭىز، سۇئالىڭىزغا جاۋاب چىقىدۇ. مەن سىزگە يەنە بىر مىسلانى دەپ بېرەي. ئاتاقلىق بۇددا دىنى ئالىمى پىرخۇيلاننى بىلەمسىز، ئۇ ئەسلى 6- ئەسىردە (700-يىللار) ھازىرقى كاشغەردىكى داڭلىق پىر جەمەتىدىن بولۇپ، ئۇلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام كەشغەرگە كېلىپ بولغان بولۇپ، پىر جەمەتى ئىسلامدىن قېچىپ، ئىدىقۇت خانلىقىغا، ئاندىن كېيىن شىئەنگە كېتىدۇ. كېيىن داڭلىق بۇددا كىتاپلىرىنى يازىدۇ، بۇ كىتاپلارنى سۇڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا كورىيىلىكلەر كۆچۈرىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، جۇڭگو تەرەپ ئۇنىمايدۇ، مىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، ئاندىن كۆچۈرىۋالىدۇ.
دىمەكچىمەنكى، 700-يىللاردا، يەنى ساتۇق بۇغراخان تۇغۇلۇشتىن 300يىل بۇرۇنلا كاشغەردىكى ئىسلام كۈچىلىرى بۇددا مۇخلىسلىرىنى قوغلىۋېتەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. بۇ يەردىكى ئىسلام كۈچىلىرى ئەرەبلەر بولماستىن، بەلكى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلاردۇر، بۇددا مۇخلىسلىرىمۇ ھەم ئۇيغۇردۇر.
مۇنداق بىر ھەدىسنى دىگۈم كېلىپ قالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى بىلەن ھەبەشلەرنىڭ بايرىمى تەڭ كېلىپ قالدى. ھەبەشلەر تەنتەنە قىلىپ، داقا-دۇنباق چىلىپ، ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ ئۇسۇل ئويناشتى. ئابابەكرى بۇنى كۆرۈپ دەر غەزەپەك كېلىپ، «سىلەر مۇشۇنداق ئۇسۇل ئويناش، ساز چېلىش ئارقلىق شەيتاننىڭ قىلىقىنى قىلماقچىمۇ؟» دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابابەكرىنى بېسىۋېلىپ، «ئۇنداق دىمە، بۈگۈن بىزگىمۇ ھېيت، ئۇلارغىمۇ بايرام، ئۇلارنى مەيلىگە قويىۋەت» دىگەن ئىدى. (ئىسىمدە قالغىنى بويىچە يازدىم)
ئەگەر مىللىي بايراملار ئىسلامغا زىت بولىدىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن ئۇ ھەبەشلەرنى توسمايدۇ؟
ھەدىسنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىر يىزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. سەھىمۇ ، زەئىپمۇ، ئجمامۇ، قىياسمۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بىز سىزگە قانائەتلەندۇرگىدەك، جاۋاب بەرسەك، ئاللاھ خالىسا.
دەۋەتچى ئەپەندى،
مۇمكىن بولسا ھەدىسلەر ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئىزدەپ بېقىڭ. مەن ئۇ ھەدىسنى ئىزدەشكە ۋاقىت چىقىرالماسلىقىم مۇمكىن.
ئاللاھ خالىسا، قانائەتلىنەرلىك جاۋابنى يۈكسەل ئەپەندى بېرىپ بوپتۇ. يەنە ئۇنىڭدىن ئۆزگە جاۋاب ئىزدەش بىزلەرنى ئارتۇقچە تالاش- تارتىشقا سېلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئەمسە ھەدىسكە نىسبەتەن ۋاقىت چىقرالمىسىڭىز، يۇكسەل ئەپەندىنىڭ پىكرىنى چىڭ تۇتۇڭ . ن مەن پەقەت يەتكۈزۇپ قويدۇم. «جانابى رەسۇلىللا ئىلىمنىڭ ئاپىتى، ئۈگەنگۈسى يوق ئادەمگە ئىلىمنى زولاپ ئۈگۇتۈش »دىگەن. « سەھى ھەدىس » چۇنكى ئاللاھ بۇيرىغان، رەسۇلىللا دىگەننى قىلىمىز ،چەلىگەندىن يانىمىز. «لااله الا الله محمد رسول» دەپ ئمانغا كىرگەنبىز.
ئاللاھ خالىسا مۇشۇ گەپنى بەلەن قىلدىڭىز دەۋەتچى قېرىندىشىىم.
ئەلۋەتتە، ئۈگەنگۈسى يوق ئادەمگە ئىلىمنى تاڭغاننىڭ پايدىسى يوق، ئىلىم دىگىنىمىز پەقەت دىن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، مەسىلەن، كومپىيۇتېر ياساش، تارىخ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، تىبابەت ۋەھاكازلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ خالىسا ئىلىم تەۋەسىگە مەنسۇبتۇر.
يۈكسەل ئەپەندى ۋە باشقا تورداشلار تارىخىي ئەمەلىيەتلەر، مىللىي ئەنئەنىلەرنى چىقىش قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر يازمىنى يېزىپتۇ، قسىقىسى بۇ ماقالىمۇ ئىلىمنىڭ كىچىككىنە بىر تامچىسىدۇر.
ئەمدى سىز پەقەت تارىخىي پاكىتلار بولمىغان، مىللىي بايراملارغا مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ھەدىس ئارقىلىقلا بارلىق ماقالە مەزمۇنىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز، تولىمۇ كۈلكىلىك بولمامدۇ؟
ئەگەر مىللىي بايرامغا ئائىت ئايەت ئارقلىق ئىنكار قىلسىڭىز، ئاللاھ خالىسا ھەق سىز تەرەپتە بولاتتى.شۇنىسى ئۇنداق ئايەت يوق، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەقتۇر، ھەر ئىشنى ھەر قەۋىمگە ئۆز لايىقىدا ئادىل تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىدۇر.
لېكىن «كىمكى يات مىللەتكە ئوخشىۋالسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دىگەن ھەدىسنى ھەممە نەرسىگە تەڭ تېڭىۋالساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئەرەپچە سۆزلىمەي، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمىزمۇ تەڭ چەكلەنسە بولاتتىغۇ.
بىلسەم -بىلمىسەم، ئاشۇ ھەدىس ئەرەبچە ئېيتىلغان، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمىز، ئەرەبچە قالپاق كەيمەي، دۇپپا كېيىشىمىز ۋە باشقا ئىسلامغا زىت بولمىغان ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى «مۇسۇلماندىن يات» قىلمىش بولۇپ قالمامدۇ؟
ئاللاھ ئۈزۋەدىسىدە زىكىر قىلىپ سىلەرگە يەنى ئۈزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارغا «روزاھىيىتنى» «قۇربان ھىيتنى» ھەرھەپتە جۈمە كۇننى سىلەرگە بايرام كۇنى قىلىپ بىكىتتۇق.دىدى. دىسە نىمە دەيدۇماۋۇ بۇ ئاللاھ نىڭ قانۇنى بۇ ئۇ دەپتى بۇدەپتى دەپ ئاللاھ نىڭ قانۇنىنى ئىنسانىڭ گىپىگە تەڭقىلىپ نىمىمۇ كۈن كورەمىزبىز ئاللاھ دىن قورىقماي بىلمەيلا قالىمىز شىرىك كەلتۇردىغىنىمىزنى ھەقىقەتەن ئىلىمنىڭ ئاپىتى بار يەكەن بۇ . بولدىلا بۇلاغاچۇشاندۈرگەندىن ئاللاھ كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ ىاتا ئۈزى جازا مۇكاپاتىنى . ئۈزى لايىغىدا بەرسۇن .
يەنە ئارلىشىپ قالدىم بۇ تىمىغا.
\بۇ يەردە ئۇ دۆلەت قىلىپتۇ، بۇ مىللەت قىلىپتۇ شۇڭا قىلدىم دېگەن گەپ يوق ، پەقەت ئىسلام تۈزۈلمىلىرى قوللىنىلىۋاتقان ئاشۇ دۆلەتلەردە مۇشۇ مەسىلىگە ھۆكۈم چىقىرالىغۇدەك ئىلىم ئەھلى يوقمىدۇ دېگەن مەسىلە مەۋجۇت.
ئويلاپ بېقىڭلار، تۈركىيە، ئېراندەك ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان(گەرچە لايىقىدىكى ئىسلام دۆلىتى بولمىسىمۇ) ئاشۇ دۆلەتلەردە بۇ مەسىلىگە ھۆكۈم چىقىرالىغۇدەك ئىلىم ئەھلىلىرى يوقمىدۇ؟ يوق دەپ باقايلى، بۇ قارشىمىزغا مۇشۇ تىمىغا ئىشتىراك قىلغان تورداشلارنىڭ بىرىمۇ قوشۇلمايدۇ؛ بار، ئەمما ئۇلار توغرا ھۆكۈم چىقىرالمىغان دەپ شۇ دۆلەتلەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلمەسكە، نادانلىققا چىقىرىپ تاشلاپمۇ باقايلى، ئۇنداقتا بىز قانچىلىك بىلىمىز؟ شەرىئەت ئىلمىدە دىيارىمىزدا قانچىلىك كىشى فىھقى دەرىجىسىدە؟ ئاللا ھەممىنى ياخشى بىلىگۈچىدۇر.
نۇرۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى –
مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد ; المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى سوئال : نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. جاۋاب : بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىز بۇ سوئالىڭىزغا بىر نەچچە نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىمىز. بىرىنچى: « نورۇز » سۆزلۈكىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئەۋۋەلقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ. ئىمام زەھەبىي «تۇشبىھۇل خەسىس بىئەھلىل خەمىس» ناملىق ئەسىرىنىڭ 46- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”نورۇز كۈنى مىسىرلىق قىبتىلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ بۇلار بۇ كۈننى بەك ئالاھىدە ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالدى“ . ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئىمام ئەبۇ داۋۇد 1134-، نەسائىي 1556- نومۇرلۇق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە كەلگەندە ئۇلار يىلدا ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتۇق دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ ئىككى كۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ2021 -نومۇرلۇق ھەدىستە زىكىر قىلىدۇ. يېڭىدىن پەيدا بولغان بايراملاردىن: يىڭى يىل بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئۆسمۈرلەر بايرىمى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى، مۇستەقىللىق كۈنى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەسلى كېلىپ چىقىشى كاپىرلارنىڭ بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمى جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن پارسلار ۋە خرىستىئانلار بۇ كۈندە بايرام قىلاتتى، بۇ كۈندە بايرام قىلىشنى چەكلەشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ( دېمەك؛ ئەسلى كېلىپ چىقىشى يەھۇدى ياكى خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرى مىللەت ئىچىدە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى، ئەمما ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى دۆلەت بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش بايراملار ھەرقانداق دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا شەرئى ھۆكۈممۇ دۆلەت تۇزۇمى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ئەقىدىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىقىدەك بايراملارغا قاتناشمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللاردا (يەنى قاتناشمىسا خىزمىتىگە ياكى ئوقۇشىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا) قاتناشسا بولىدىغانلىقى، ئەمما كۈچەپ قاتنىشىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.-م- ئىمام زەھەبىي «سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: ”نورۇز بايرىمى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىش دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. مۇسۇلمان بۇنى بىلمەسلىكتىن قىلىپ سالسا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىپ توسۇش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن پەخىرلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ ئىشتىراك قىلسا قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما بۇ كۈننى ئادەتتىكى ئويۇن تاماشا قىلىش كۈنى دەپ بىلىپ، ئائىلە ۋە بالىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە باغلىقتۇر. دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلمەي قىلىپ سالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە چىرايلىقچە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىدۇ“ . ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ژۆرنىلى 103- 104- سانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى يات دىنسىز مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىمۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسي بايراملىرىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يىراق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: “ بىر كىشى دىنسىز يات مىللەتنىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بايراملىرىغا قاتنىشىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشى قىيامەتتە شۇلار بىلەن بىرگە تىرىلدۇرۇلىدۇ“. چۈنكى بايرام دېگەن شۇ مىللەتنىڭ دىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەنئەنىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ھەر ئۇممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ». قىبلە، ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش ئايرىم ئىبادەتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى ياقتۇرۇش بىلەن باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىنى ياقتۇرۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە رازى بولۇش، كۇفرىغا تولۇق رازى بولغانلىق، بەزىسىگە رازى بولۇش كۇفىرنىڭ بەزىسىگە رازى بولغانلىقتۇر . بولۇپمۇ دىنسىزلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى، ئۇلارنىڭ باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان پائالىيىتى بولۇپ بۇنىڭغا رازى بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرىدىن قازىخان مۇنداق دەيدۇ : “ بىر كىشى نورۇز بايرىمىدا باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار كاتتىلىغاندەك كاتتىلىسا ئۇ كىشى كافىر ھېسابلىنىدۇ . ئەمما بۇ كۈندە ئادەتتىكىدەك باشقىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلسا ياكى بۇ كۈننى كاتتىلىماستىن نورمال خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزسە كافىر بولمايدۇ . كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن قىلمايدىغان ئىشلارنى بۇ كۈندىمۇ قىلماسلىق كېرەك“. مالىكي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ : “ مۇسۇلمان ئۈچۈن يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىش ياخشى ئەمەس، بۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بايرام كۈنىنى ئۇلۇغلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ . شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام سىموۋۇلى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇ كۈندە ئۇلارغا ئوخشىۋالغان مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئۆز ئەقىدىسىدىن پەخىرلىنىپ بېشى ئۇستۇن ئىززەتلىك ياشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ“. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پېشقەدەم ئالىملاردىن پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئىبنى ئىبنى جىبرىين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ بىدئەت سانىلىدىغان ھەر تۈرلۈك نورۇز بايرىمى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مىراج-ئىسرا كۈنىنى ئۇلۇغلاش، مەۋلۇت كۈنىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ توغرا ئەمەس، يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە قىلغان زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، تاماقلىرىنى يېيىش توغرا ئەمەس . بۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچلاندۇرغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز كىشىلەر ئالدىنىپ ئېتىقادتا خاتالىشىپ قالىدۇ“ تۈگىدى. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشى ۋە قاتنىشىشى بولسا دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا پىسەنت قىلماسلىققا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە ئەسلى يوق ھېيت بايراملارغا قاتنىشىش توغرا ئەمەس. «ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى توپلىمى» ناملىق ئەسەرنىڭ 27-بېتىگە قارالسۇن.ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.
بۇ ئېنىقكى، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزمەيدىغان كىشىنىڭ بەرگەن پەتىۋاسى. دەلىل تولۇق ئەمەس، تۈركلەرنىڭمۇ نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەت تىلغا ئېلىنمىغان.
ئىسلام سۆزىنى ئۆزىگە دۆلەت نامى قىلغان ئىراندەك بىر دۆلەت نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە نورۇز ئۆتكۈزىدۇ؟ سەۋەبى ئېنىق، بۇ ئىسلامغا زىت ئەمەس، پەقەت بىر مىللىي بايرام، دىننى بايرام ئەمەس.
ئەرەب ئولىمالاردىن سوراپ باقسام، نورۇزنى چەكلىسە، نېمە ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىدىكى تۆگە بەيگىسىدەك بايرام تۈسى ئالغان پائالىيەتلەرنى چەكلىمەيدۇ؟ تۆگە بەيگىسى سۈننەتمۇ ياكى پەرزمۇ؟
ئۇنداقتا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىچۇ؟
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلامنى تۇغ قىلغان دۆلەتلەرمۇ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنياۋىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغۇ!؟ ئەجىبا بۇنىڭغا بىرەر ئولىما پەتىۋا بەرمەي، ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان نورۇزغا پەتىۋا بېرىپ كېتىدىكەنغۇ!
سەۋەبى ئاددى، ئاشۇ پەتىۋاچى ئولىمالار ئېنىقكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېنى يەۋاتىدۇ، ناۋادا بىرەر ئولىما «ئەرەبىستاننىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بىدئەت ياكى توغرا ئەمەس» دەپ پەتىۋا بېرىپ باقسۇنچۇ، يېگەن نېنىدىن تۈگۈل، جېنىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىق.
دىمەك ئاتالمىش ئولىمالارمۇ ئۆزىنىڭ نېنى ياكى جېنىغا تاقاشمايدىغان يەرلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ.
تۆگە بەيگىسى ئەرەبلەرگە دۇرۇس، ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنيا ئەھلىگە، جۈملىدىن ئەرەب ۋە پارسلارغا دۇرۇس بولغان يەردە، نورۇز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرغا دۇرۇس بولمىغۇدەك؟!
ما گەپ بولماپتا ئاداش ؟؟؟؟ ئۇ ئولمالارمۇ ئىسلام دىنى ئەرەب ، ئۇيغۇر ….. دەپ ئايرېمايدۇ، ئۇ خەخمۇ بېزنىڭ ئوغلاق تارتش ۋەياكى ئات بەيگىسى ….. قاتارلىق بېر قاتار پائالىيەتلىرمىزگە پەتىۋا بەرمەپتۇغۇ ئاينا ……ئولىمپىك دىگىنڭ بايرام ئەمەس تەنتەربىيە پائالىتى. خۇلاسە ؛ ھەممە ئادەم ئوزىنڭ قىلغىنىغا لايىق ئەجىر كوردۇ ‘ خاتا بولسا تۇزەتسەك بولدۇ قالايمىقان سەكرىمەي ماندا
مەن ھىچقانداق گەپقىلمىدىم . ھەدىس ئۇ مەن ھەدىسنى دىدىم خالاس ئنسان دىگەن . يازما ئەمەسبۇ . ئنىق ئايەت يوقدەپ كىمدەيدۇ. بىرقىتىم قانۇنىڭىزنى ئوقۇپچىقىپسىزدە ، ئەپسۇس ئاللاھ ئاللاھ ئۈزۋەدىسىدە زىكىر قىلىپ سىلەرگە يەنى ئۈزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارغا «روزاھىيىتنى» «قۇربان ھىيتنى» ھەرھەپتە جۈمە كۇننى سىلەرگە بايرام كۇنى قىلىپ بىكىتتۇق.دىدى. مىللى بايرىمىڭلار بۇنىڭ سىرتىدا دىيۋەتكەن بولسا ئىدى. بۇنىڭغا ئنىق ئايەت تۇرسا بار يوق دەپ ، ھەي ئاللاھ دىن قورقىڭلار. ئۇ بىز تارىخ ۋەياكى باشقا قۇرۇق بىزنىڭ گەپسۈزلەرگە ئىمان كەلتۇرمىگەن . بىز ئاللاھ نىڭ بىرلىك بارلىقىغا ، يەنى بىزدەك تالاش تارتىش قىپ قالمىسۇن. دەپ توغرا نىجاتلىق يولى تاپسۇن دەپ قىلدۇرغان. سىزدىگەن تارىخ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، تىبابەت ۋەھاكازلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان قۇرئانغا ئىمانكەلتۈرگەنبىز . ماڭقاراڭ مۇسۇلمان دىگەن يانادىسەم ياناشۇ ، ئۇقىپتى بۇقىپتى دىمەيمىز . دەلىل بولسا قۇرئاندىن ئەكىلىڭ . بولمىسا بىز بىر ئاجىز ئنسانىڭ دىگىننى قىلمايمىز. چۈنكى ئۇنداق تارىخ بىزنىڭ ئاللاھ تەبرىكلەڭلار . دىگەن كۈنمىزدىن باشقا كۇۈننى تەبرىكلەشكە سەۋەپ دەلىل ئسپات قەتتى . مۇتلەق بولالمايدۇ. يانابىر گەپ خىتىمنى يانا خاتا ئوقۇپ قاپسىز. مەن پەيغەمبەر قىلغاننى قىلمىز. دىدىم. ھەرگىز ئەرەپلەر قىلغاننى قىلمىز دىمىدىم . مىللەت مۇسۇلمان بولسا پۇتۇن ئەرەپ مۇسۇلمان بولدۇ . دەيدىغان گەپ يوق. ئاتا-ئانىدىن مىراسقالغان ئەمەس . بۇمۇسۇلمانچىلىق دىگەن. ھەركىم ئۈزنىڭ قىلغان ئاللاھ قا بولغان سەمىمىتنى ئەمىلىگە ئۈزى ئىگە. شۇڭا ئۇقىپتۇ بۇقىپتۇ ئۇدەپتۇ دىمەي قۇرئان ھەدىس دەلىل ئەكىلىڭ . مۇسۇلمان دەلىلنى ئاجىز ئنساندىن ئامەس. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئاندىن ئىزدەيمىز.
مەن ئاشۇ قانۇننى بىر قېتىم ئىتايىن تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئوقۇغان، ھەم داۋاملىق ئوقۇۋاتىمەن، بۇندىن كېيىمۇ ئوقۇيمەن، ھەمدە ئاللاھنىڭ بىزگە فەرز قىلغانلىرىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداپ كېلىۋاتىمەن. سىزدىن سوراپ باقسام، دەۋەتچى قارى:
سىزچە بولسا، مۇسۇلماننىڭ دىندىن باشقا قىلىدىغان ئىشى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. دەۋەتچى قىرىندىشىم، دەلىل دىگەن مانا !
جانابى رەسۇلىللاھ «كىمكى ئۈزىنى باشقا بىر قەۋىمغا ئوخشىتىۋالدىكەن،ئۇشۇقەۋىمدىن بولۇپ كىتىدۇ»دەگەن.«ئبىنى ماجەۋەتىرمىزى رىۋايىتى»
يەنەمۇنداق دىگەن:ئۈزىنى« باشقىلارغا ئوخشىتىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس»دىگەن. «ئەبۇداۋۇت رىۋايىتى»
ماڭا قاراڭ سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزدە سىزگە باشقا گەپقىلغۇم يوقتى . چۈنكى جانابى رەسۇلىللا كىمكى ياتمىللەتكە ئوخشىۋاسا ئۇبىزدىن ئاماس دىۋەتكەن. بۇنداق قىلسىڭىز مەڭگۇ ئازغۇچى بولسىز. چۈنكى قۇران ھەدىس ئىنىق دەلىلبا بۇبىرشەخىسنڭ پىكرىچە بولدىغان ئش ئامەسبۇ. بىلدىڭىزما!
بۇقانداق «تەرجىمانلىق»؟ بىرسۆزنى قەۋم ،مىللەت ، بىزدىن ، مۇسۇلمان …قورئاننى سىلەر بارلىققا كەلتۈرگەندەك خالىغانچە تەبىر بىرىۋېرەمسىلەر ؟چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر،دەپ تەرسالىق قىلماڭلار، كائىناتتىكى بارلىق جانلىق ھەم جانسىز شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللا ياراتقانلىقى پۇلاتتەك پاكىت ،بۇ ماركىسنىڭ ياكى يەنە بىركىملەرنىڭ ئىختىيارى بويىچە بۇلۇپ قالغان ئىش ئەمەس،ئۆزەڭلارنىڭ شەخسىي چۈشەنچەڭلار بويىچە ۋەزخانىلىق قىلماڭلار…
ھىچكىم روزاھېيىت،قۇربان ھېيىتنى مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس دىگىنى يوق ،ھەم قورئاندىمۇ نۇرۇز بايرىمى بولمىسۇن دىيلمىگەن،بۇنى باھانە قىلىپ مۇسۇلمانچىلىققا يات قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇ شۇغۇللانغۇچىنىڭ گۇناھى (ئاللا مەخبىرەت قىلسۇن )،ھەرگىزمۇ ھېيىت -بايراملارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس!
«كىمكى ئۈزىنى باشقا بىر قەۋىمغا ئوخشىتىۋالدىكەن،ئۇشۇقەۋىمدىن بولۇپ كىتىدۇ»
مۇشۇ ھەدىسنى ھەممە ئىشلارغا باغلىۋالسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا ھېچنېمە قىلماي، جىم ئويدە ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئاپتوموبىلنى ئەڭ دەسلەپ ناسارالار ئىجاد قىلغان، ھەم ناسارالار ھەيدىگەن، ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر ناسارالاردىن بولامدۇ؟
كومپىيۇتېرنىمۇ ناسارالار ئىجاد قىلغان، ھەم ئەڭ دەلسەپ ئىشلەتكەن، ئۇنداقتا كومپىيۇتېر ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ناسارامۇ؟
ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەڭ دەسلەپ كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلغۇچى دۆلەت يونان (ھازىرقى گرىتسىيە) دىن باشلانغان، ھەم ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىكنىڭ مەشئىلى چوقۇم گرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدىن يېقىلىشى كېرەك، بۇنى ناسارالار ھۇجۇتقا چىقارغان، شۇنىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، كۇۋەت، قاتار، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئۇنداقتا ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلقلىرى كۆپ ئىلاھلىقنى قوللىغان بولامدۇ؟ قاتناشقانلار ناسارالاردىن ھېساپلىنامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن سەئۇدىدىكى ئاشۇ ئەرەب موللاملار نورۇز بىلەنلا قېيىشىپ، ئولىمپىك، ئەرەبلەردىكى تۆگە بەيگىسى، پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايراملىرى قاتارلىقلار پەتىۋا بېرەلمەيدۇ؟
سەۋەبى ئاددى، ئۇلار ئۇنداق قىلسا، يەۋاتقان نېنىدىن ، ھەتتاكى جېنىدىن ئايلىرىپ قالىدۇ. ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بېرىلگەن پەتىۋالار قانچلىك بولماقچىتى؟
ئىشىنىمەنكى، ناۋادا ئەرەبلەرمۇ ئەلمىساقتىن تا ھازىرغىچە نورۇز ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولسا، بىرەر ئەرەب ئولىمانىڭ «نورۇز ئۆتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس» دەپ پەتىۋا بېرىشى، ھەم بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەرەبلەرنىڭمۇ تۈرلۈك- تۈمەن يەرىلىك بايراملىرى ۋە پائالىيەتلىرى بار، بۇنىڭغا بىرەر ئەرەب موللام «بۇنى قىلساڭلار بولمايدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىپ باقمىدى.
ئەرەب ئولىمالارنىڭ ھە دىسىلا باشقا مۇسۇلمان قەۋىملەرنىڭ ئىشلىرىغا پەتىۋا بېرىش، غەيرىي -ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ بەزەن ئىش- پائالىيەتلىرىنى تۇسۇش، ئەرەبنى چوڭ كۆرسىتش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بىر تۈركۈم ئەرەبپەرەسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، غەيرىي ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنى ئەرەبلەشتۈرۈشتەك «ئۇلۇغۋار» نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
تۈركلەر ئىرۇسالىمنى 1000 يىلغا يېقىن قوغدىغان بولسا، ئەرەبلەر 50 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەھۇدىيلارغا تارتقۇزۇپ قويدى. ئەرەبلەر مەن بىلگەن مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئىتتىپاقسىز مىللەت، بەزەنلەر تۇنگانلارنى ئەرەبلەرنىڭ ئەۋلادى دىيىشىۋالىدىكەن، ناۋادا ئەرەبلەردە تۇڭگاننىڭ يېرىمىچىلىك ئىتتىپاقلىق بولىدىغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقتە يەھۇدىيلەر بىرەر كۈن ئارتۇق پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
سورۇندىكى دەۋەتچى، ئالىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداشلىرىمغا قىلىدىغان سەمىمىي تەكىپىم شۇكى، ئاللاھ بىزنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان بويىچە ماڭساق مەڭگۈ ئازمايدىغانلىقىمىزغىمۇ ۋەدە بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ۋىدالىشىش نۇتىقىدا «قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، ئازمايسىلەر» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىدى. (ئىشەنمىسەڭلار «ۋىدالىشىش نۇتىقى»نى توردىن ئىزدەپ، ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسلىرىغا قاراپ بېقىڭلار)
ئولىمالارنىڭ سۆزىدىن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن كۆرسەڭلار، بۇ ئايەتلەرگە نەزەر سالغايسىزلەر:
(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز- نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر.
بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار.
دىمەكچىمەنكى، ئايەت ئارقىلىق ئەمەس، يۆنلىشىنى قايسى تەرەپكە قىلىسا بولىۋېرىدىغان بەزى ھەدسىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز خاھىشى بويىچە پەتىۋا بەرگەن ئولىمالارغا ئالدىنىپ كەتمەڭلار. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرەبلەرنىڭ يەرلىك بايراملىرىغا پەتىۋا بەرمەيدۇ.
سىز ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنى توغرا ئەمەس دېسىڭىز ، سىزمۇ شۇ ئالىملارنى بېسىپ چۈشكىدەك ئىلىمىڭىز باركەندە ھە…..
كوك تاش بولدى قىلسىلا سىلىنىڭ بولەك ئىشلىرى يوقمۇ ، ھەقىقى ئىمان ئىيتقان بولساڭلار مۇسۇلمان مىللتى بولسىلەر قىرىنداشلار بۇ مىللەت پەقەت ئېمان ئىيتقانلارنىڭلارنىڭ مىللىتى تۇرۇكلەرنىڭ ، ئەرەپلەرنىڭ ،ئۇيغۇرلارنىڭ، پارىسلارنىڭ .، …………….ئاق تەنلىك قارا تەنلىك سىرىق تەنلىك لەرنىڭ ئەمەس ، ئۇيغۇر ، تۇرۇك ئەرەپ بولسىلا مۇسۇلمان بولمايدۇ ئاللاھ ۋە ئالاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغانى قىسا چەكلىگەندىن يانسا ئاندىن مۇسۇلمان بولدۇ ، مۇسۇلمان بولۇش ئۇچۇن ، باشقا مىلەتنى دوراش ھاجەت ئەمەس، ئۇيغۇر بولغانلىك مۇسۇلمان بولغانلىق ئەمەس ،ئۇيغۇر دىگەن گەپنى مۇسۇلمان دەپ چۇشىۋالغانلىقىڭلىغا ھەيران مەن !!
ھەي پەتىۋا بىرىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلسە ئىدى بۇ تىمىنى يازغان قېرىندىشىمىز بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈزىچە بۇلارنى دىمىگەن بولغىيتتى. ئەينى زاماندا ئۆمەر رەزىيۇللاھۇ ئەنھامۇ پەتىۋا بەرمەكچى بولسا شۇ زاماندىكى ھەممە ساھابىلەرنى يىغماي تۇرۇپ پەتىۋا بەرمەيدىكەنتۇق ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىز كىم.مىنىڭچە شۈبھىلىك ئىشتىن يەنىلا يىراق تۇرغان ياخشى، نۇرۇزنى ئۆتكىزمىگەنگە بىر نەسە بوپ قامايمىز ئەگەر نۇرۇزنى ئۆتكۈزۈش راسلا گۇناھ بولسا ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئازابىغا بىز چىدىمايمىز .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. دىگەنلىرىڭىز ناھايىتى توغرا. نورۇز بايرىمى ھەققىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۆلىمالار خېلى بۇرۇنلا پەتىۋا بېرىپ بىرلىككە كېلىپ بولغان. بۇ تېمىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ ھەممە مۇنازىرە بەتلىرىدە پىتنە قوزغاپ يۈرگىچە تور زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرىدىغان باشقا پايدىلىق تېمىلاردا يازما يازسا بولمامدۇ بۇ ئاتالمىش پەتىۋاچى؟
بىزنىڭ خۇتەندىغۇ مەن ئىسىمنى بىلىپ بىرسىنىڭ نۇرۇز بايرىمى ئۆتكەزگىنىنىمۇ كۈرۈپ باقمىغان، تېلىۋىزورلادا كۈرەتتىق نۇرۇز ھەققىدىكى خەۋەرلەنى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ نۇرۇزغا بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتكىنىنى ھىس قىلىۋاتىمەن، ئۆتكۈزسە گۇناھكەن دىگەننى ئاڭلاپ بەك ئۆتكەزگۈسى كەپ كىتىپبارامدۇ بىلمىدىم
بۇ تىمىنى يازغۇچىغا : بۇنى تىمىنىڭ يازغۇچىسىدا ناھايىتى ئېغىر ئىدىيە چېچىلاڭغۇلىقى ، ئىسپات يالغانچىلىقى، مىللەت ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت مەسىلەن : بۇ تىمىنىڭ بېشىدىلا بۇ تىمىنى يېزىشىدىكى غەرەزلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ «يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان قانۇنلۇق بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئىستەكلىرى يېلىنجاۋاتقاندا، تورلاردا، كوچا – كوتاڭلاردا ‹‹ نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس ›› دەيدىغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار ئاۋۇپ قالدى » بۇ نى دىيىش ئارقىلىق سەن تورداشلارغا ئۇ بايرامنى قانۇنلۇق قىلىشقا ئۈندىمەكچىمۇ ياكى بۇ بايرامنىڭ توغرا خاتالىقىنى دەلىل ئىسپاتلىرىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرگە ھەقنى يەتكۈزمەكچىمۇ؟! سىنڭ بۇ بايرامنى قانۇنلۇق قىلىشىڭ ئاخىرەتتە شۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرنى دوۋزاخ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالامدۇ ؟ سىنىڭ بۇ بايرىمىڭ قانۇنلۇق بولسا ئاللاھ ئالدىدا قانۇنلۇقمۇ؟
يەنە تېخى «نورۇز بايرىمى قانداقتۇر دىنسىزلارنىڭ بايرىمى ئەمەس. بەلكى ئۇ 1400 يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئىتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمى،» بۇنى دىيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان تارىخىنى زور مۇ زور 1400 يىلغا قىسقارتىپ بۇ بايرامنىڭ 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ، بۇ بايرامنى دىنسىز قەۋمدىن بارلىققا كەلگەن تارىخىنى يۇشۇرغان ھەمدە ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭ تەڭىرگە چوقۇنۇپ شۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق ، بەخت ئامەت تىلىگەن شىرىك ئەقىدىلىرىنى سۆزلەپ تۇرۇپ يەنە بۇ بايرامنىڭ شۇ كۆك تەڭىرگە چوقۇنغان دىنىنى بۇ بايرامغا تەدبىقلىماي بۇنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئازغۇن دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى تورداشلاردىن يۇشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ قۇيۇق دىنىي بايرامنى مىللىي بايرام دەپ قاراپ كەلگەنلىكىدەساختىلىق مەۋجۇت .
يەنە تېخى ئۇ ئەرەب ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىنى قانداقتۇر بىر ئەرەپلەر بىلەن پارىسلار چىقىشالمايدۇ دەپ مەزھەب ئختىلاپىدىكى يوچۇقتىن كىشىلەرنىڭ مەزھەبتىكى ئۆچمەنلىك ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ بۇ بايرامغا زور مۇ زور قېتىپ ئۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىدىن گۇمانلانغان ئەجىبا ئۇلارنىڭ چىقىشالماسلىقى بۇ نۇرۇز بايرىمى توغرىسىدىكى پەتىۋالارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويغان ئالىملارنىڭ نۇرۇز بايرىمىدىكى ھۆكۈملىرى بىلەن مەزھەب ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار ؟؟ يەنە تېخى بىزگە تاڭماقچى بولغان بۇ بىر ئىدىيىدىكى شەخسىيەتچىلىك
يەنە تېخى ئېنىقتىن ئېنىق قۇرئان ھەدىتىن پاكىت بار تۇرسىمۇ ئۇنى بىر قانداقتۇر ئۆزىنىڭ مىللىي ئىدىيىسى بويىچە ئويلاپ ئۇ پەتىۋالارنى دەلىل ئىسپاتى يوق ، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مىللىي ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان
شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىشتىكى مەقسىتى ئېنىقتىن ئېنىق ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئسلامغا تېڭىش، ،ئسلامدا قارشى چىقسا مىللىي ھىسسىياتىدىكى كىشىلەردىن ياردەم ئىزدەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
ئاللا رەخمەت قېلسۇن ،شۈكرى ئاللا
مەن دەيمەن ، بىز نىمە ئۈچۈن ئۈزىمىزنىڭ بارلىق مەدەنىيەت كىلىشلېرىنى غەربتىكى مېللەتلەرگە يەر نام كىلىشلىرىنى موڭغولچىغا باغلاپ چۈشاندۈرمىز ئەجىبا غەربلىكلار چوڭ بىلدىغان ئويغور تارىخى مەدەنىيتى نەگە كەتتى مەدەنىيتىچو ؟ ئاتا بوۋىلىرېمېز بىلەن تەڭ يوقالدىما؟ ياق بىز يوقىتۋاتىمىز . خوددي نازىركوم دىگەنى پارسچا سۈز دەپ شەرخىلىگەنگە ئوخشاش نوروز ئويغورچا سۈز 5000يىللىق تارىخقا ئگە ئويغورلار شىمالىي موڭغول ئىگىزلىكىدا ياشىغان مەزگىلدىلا ئوتكۈزدىگان شوڭا بو بايرام ئويغورلارنىڭ ئەنەنىۋىي بايرىمى
شۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىلىپ …….
بۇ يەردە ئۇقۇم جەھەتتە كاللمىزدا پەرق بار كەن .
بىز چۈشىنىشكە تىگىشلىك بىر مۇھىم ئۇقۇم : مىللەت !
ئىسلام دا مىللەت دىگەن بۇ ئۇقۇم نىمىگە ۋەكىللىك قلىدۇ ؟
ئۇيغۇر قازاق ئەرەب دىگەنلەرنى مىللەت ئۇقۇمى بىلەن چۈشىنىمزغۇ ؟!
مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دىيىلسە ، ئۇنداقتا ئۇيغۇر قازاق يەھۇدى دىگەن لەر نىمە ؟ بۇ
بۇنى مىللەت دىگەن ئۇقۇمدىن باشقا نىمە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ؟؟
مۇشۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئايدىڭلاشتۇرساق ، بەك كۆپ گۇمانى نۇقتىلارغا جاۋاب ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ .
ئۇرۇشمايلى تالاشمايلى ، چىرايلق پىكىر قىلىپ توغرا يولنى تاپايلى دە بىللە ماڭايلى !
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم تورداشلار
قۇرئان كەرىمدە :
6 يەردە «ئىبراھىمنىڭ مىللىتى» دەپ ئۆتىدۇ. بۇ 6 يەردىكى «مىللەت» نىڭ مەنىسى «يول» دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ تەرجىملىرى) مۇنداق:
1- «ئىبراھىمنىڭ يولىدىن، ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەقىلسىزلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنىى بۇ دۇنيادا تاللىدۇق. بىلىڭلاركى، ئىبراھىم ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ»- بەقەرە سۈرىسى 130- ئايەت.
2- «ئۇلار: ‹يەھۇدىي بولۇڭلار ياكى نەسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر› دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدىدۇرمىز. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى›.»- بەقەرە سۈرىسى 135- ئايەت.
3- «ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى›.»- ئال ئىمرا سۈرىسى 95- ئايەت.
4- «كىم دىن جەھەتتە، ئۆزىنى سەمىمىي ھالدا ئاللاھغا تاپشۇرغان ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىدىن ياخشى؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.»- نىسا سۈرىسى 125- ئايەت.
5- «ئېيتقىنكى: ‹ھەقىقەتەن رەببىم مېنى توغرا يولغا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس دىنغا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا باشلىدى›.»- ئەنئام سۈرىسى 161- ئايەت.
6- «ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: ‹ھەق دىنغا بۇرالغان ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن› دەپ ۋەھىي قىلدۇق.»- نەھل سۈرىسى 123- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مىللەت» دېگەن كەلمىدۇر.
ئۇيغۇرچىدىكى «مىللەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى» دېگەن بولىدۇ.- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى.
مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن (ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن) چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇيغۇرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدىن ئەمەس.
ئەرەبچىدىكى مىللەت، دىنى ئەقىدە، دىنى يول، دېگەن بولىدۇ. مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدە، يەنى ئۇنىڭ يولىدىدۇرمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى بىر پۈتۈندۇر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىسلامدۇر ۋە ئۇلارنىڭ يولى بىردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇن قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت.
ۋاي خۇدايىم توۋا !! ماۋۇ ئىسلام توغرىسىدا كىمكى كىم قۇرئان ۋە ھەدىستىن سۆزلىيەلمىسە بولدى سۆزلىمەيلا قويۇش ،ئوزاڭنى گۇناھكار قىلىشما ، پايدىسى يوق ` قۇرئاندا نىمە بولسا ھامان شۇ ھىساپ ،نوچاڭ بولاشسا قۇرئان ۋە ھەدىستىن كەلتۈرۈپ سوزلەش ~~~~~~ مىنڭ گىپىمنى چۇشەنسەڭ، قوبۇل قىلالىساڭ ئوقۇ ، بولمىسا مەيلى ~