كۆپلىگەن ياشلار چېچىنىڭ چۈشۈپ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر قېرى كۆرۈنۈپ، جەلپكارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاچ چۈشكەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىدا ئۆزىنى كەمسىتىش، تۆۋەن چاغلاش پسىخىكىسى بولىدىكەن.
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 30ياشتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈشكە باشلىغان ياشلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا %45 تۆۋەن بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېشى 40 ياشتىن 47 ياشقىچە بولغان 2000 نەپەر ئەر ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇ 2000 كىشىنىڭ يېرىمى مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە، 30 ياشتىن ئىلگىرى چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ يىرىمى دېگۈدەك ئازايغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ نەتىجە تېببىي ئىلىم ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغايدۇ، چۈنكى ئەنئەنىۋى تېبابەتنىڭ قارىشىچە، چاچ چۈشۈش مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، دەپ قارىلاتتى. چاچ چۈشۈشنى ئاساسەن دېگۈدەك تۇك خالتىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر تۈك خالتىسى ئۇزاق مۇددەت( dihydrotestosterone ، 二氢睾酮 ) كۆپ بولغان مۇھىتتا تۇرسا، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. dihydrotestosterone بولسا ئەرلىك ھورمون ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئەگەردە قان تەركىبىدە ئۇنىڭ مىقدارى ئۆرلەپ كەتكەندە، تۈك خالتىسى يىگىلەپ، چاچ ئىنچكلەپ، ئازلاپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ مىقدارى بىلەن ئۇرۇقدان ھورمۇنى ( Testosterone ) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولىشى مەزى بېزى راكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى. مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار داۋاملىق ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىدۇ، چۈنكى، ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ زىيادە كۆپ بولىشى ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئامېرىكا مەزى بېزى راكى مۇتەخەسسىسى دەسلىپىدە بۇ بايقاش نەتىجىسىدىن چۈچىگەن بولۇشسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياشلىق مەزگىلدە چېچى چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ نورمالنى كىشىلەرگە قارىغاندا %45~%29 كېچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: دەۋر گېزىتى
چاچ چۈشۈش ۋە مەزى بېزى راكى (Hair loss & prostate cancer)
ۋاقىت:21-08-2010 / 03:22 / ئاپتور:يۈكسەل / سەھىپە:ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى / زىيارەت: 976
يازما مەنزىلى:
ئالدىنقى يازما: نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى
كېيىنكى يازما: يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )




























