دۇنيادىكى باشقا قەۋملەردە ئۆز مەشھۇر كىشىلىرىگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇملارنى ئىشلەش، سېتىش، ساقلاش خېلىلا كۆلەملەشكەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مەشھۇر كىشىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرغىلى، ئەۋلادلارغا ئەڭ بىۋاسىتە ئەجداد تەربىيىسى بەرگىلى، يادلانغۇچى مەشھۇرلارغا يۈكلەنگەن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى كەڭ تارقاتقىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل مەدەنىيەت بازارلىرىنى جانلاندۇرۇپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولاتتى. ھالبۇكى، بىزدە بۇ ساھەگە تېخى تولۇق دىققەت ئاغدۇرۇلغىنى يوق.
كىشىلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشى، مۇھىمى مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ، تارىخ ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ ، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلىرىمىزگە ئالاقىدار خاتىرە بۇيۇملارغا قىزىقىش، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يىغىپ ساقلاشتەك ئىستەك بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، 2008 – يىلنىڭ بېشىدا، ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت – سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 34 – قېتىملىق يىغىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 – يىلىغا <<مەھمۇد كاشغەرى يىلى>> دەپ نام بەرگەنلىكى ، تۈركىي خەلقلەردە، بولۇپمۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شەرەپلىك ئەۋلادلىرى بولىمىش بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىدا ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى قىزغىنلىقى ›› نى قوزغىدى. مانا يۇقىرىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇم __ ئالىمنىڭ تاش ھەيكىلى ۋە ئۇ سىزغان دۇنيا خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن جۈپ تەخسە ئىشلەپ چىقىرىلىپ ، بازارغا سېلىندى.
مەزكۇر بويۇم قەشقەر كونا شەھەر ناھىيلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭ بىئەس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن ، سېرىق ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇن يالىتىلغان ئىككى خىل نۇسقىدا بولۇپ، ھەر بىرسى بىر يۈرۈش، ھەر بىر كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئالىم سىزغان دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئالىمنىڭ تاش ھەيكىلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىككى دانە ئالىي دەرىجىلىك تەخسە، بىر دانە ئەسلى نەشىر كارتىسى ۋە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ماتىرىيالىدىن ئىبارەت. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خاتىرە تەخسە پەقەت 2008 يۈرۈش ( جۈپ ) ئىشلەنگەن بولۇپ، قايتا ئىشلەپ بازارغا سېلىنمايدىكەن. تەخسىگە چۈشۈرۈلگەن رەسىملەر مۇنداقلا بېسىلغان بولماستىن، بەلكى قاپارتما قىلىپ بېسىلغان، خەرىتىنىڭ ھەربىر سىزىقلىرىنى سىيلاپ بىلگىلى بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئالىمنىڭ باش قىسمى، ساقلى، سەللىسى، كەيگەن تونى ۋە قولدىكى كىتابمۇ ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن قاپارتما شەكىلدە ئشلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان ئىكەن.
بىزنىڭ قارىشىمىزدا، قىزىققۇچىلار ئۈچۈن مەزكۇر بۇيۇم تازا كۆڭۈلدىكىدەك خاتىرە بۇيۇم بولۇپ، ئۇنى ئىشخانا، ئائىلىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا تىزىپ ساقلاشقا بولىدۇ. بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيگە بېغىشلانغان بۇ خاتىرە بۇيۇمنى سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلار مەزكۇر تەخسىنىڭ سۈرىتى ، باھاسى ۋە باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى تور مەنزىلدىن كۆرۈڭ:
http://www.ulinix.com/ad/mahmudiy
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىيگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇم





























مەن بۇ خىل خاتىرلەشنى تازا ياقتۇرمىدىم
بىزنىڭ ياقتۇرۇش ھوقۇقىمىز بولغىنىدەك، سىزنىڭمۇ ئەلۋەتتە ياقتۇرماسلىق ئەركىنلىكىڭىز بار بۇرادەر …
شۇڭا، يازمىدا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن، دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
ئۆتكەندە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بىغىشلانغان «لۇتۇن»ماركىلق قول سائەتتىن بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم باھاسى 530يۈەن ئىدى . بۇ خاتىرە بۇيۇم 580يۈەن بولسا قىممەت ئەمەسكەن .
دۇكاننىڭ تۆرىگە تېزىپ قويدۇم. يارىشىدىكەن.
لىكىن لەغمەن ئۇسسۇپ يېمەڭلا جۇما
سەل قىممەتمۇ نېمە ، يىرىم ئايلىق مۇئاشكەن ، بولمىسا بەكلا ساقلاپ قويغۇم بار ئىدى .لىكىن ياسالغىنى ياخشى بوپتۇ ،
بۇ خاتىرە بۇيۇمىنى ئېلىپ-سېتىش مەقسىتىدە ئەمەس، ئالىمغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئېلىپ ئۆيلىرىمىزگە تىزىپ قويساق بولىدىكەن. بىكارچى نەرسىلەرنىمۇ خېلى قىممەت پۇلغا ئېلىپ تىزىۋالىمىزغۇ.
سوراپ باقسام، ئاشۇ ئىككى خىل نۇسخىنىڭ ھەر بىرى 580 يۈەنمۇ ياكى؟…
ھەر ئككىسىنىڭ باھاسى قوشۇلۇپ 580 يۇەن ئىكەن ،
ئىككى خىل نۇسقىدىن بىر خىلىنىڭ بىر جۈپى (يەنى ئىككى تال تەخسە) 580 يۈئەن. تەخسىنى تىك ھالەتتە تىزغىلى بولىدىغان جاھازىسى بار.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، بىلوگىمنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويۇش قا بولامدىكىن؟
http://blogdax.blogbus.com/
تۇغ ئادىرسى:http://filer.blogbus.com/4574359/4574359_1286430899y.gif
ئ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ناھايىتى خۇش بولدۇم،مىنىڭمۇ شۇنداق سىتىۋالغۇم بار ئىدى لىكىن ……
مىنىڭچە باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان ،چەت ئەللىكلەر ھىچ ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەرنى تۇمەن دوللار قىممىتىگە ئىلىپ ساقلايدىكەن ،مەن ئويلايمەن بۇ بىز ئۇچۇن بىر بىباھا گۆھەر دىسەم ئارتۇق كەتمەس، سانىنىڭ چەكلىك بولىشىمۇ بۇيۇمنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا موھىم رولى بار.
我不知道这种活动开展得挺发达的那些那些国家的人怎么想,我觉得没有本人的准许,发布关于他的图片和其他什么纪念品的行为是很不礼貌的。说马赫穆德喀什葛里是个穆斯林学者,如果他在世,他会愿意吗?由于每个国家和民族的传统,宗教信仰不一样,他们开展的纪念活动也很不一样。穆斯林人没有以刻有人像的东西来纪念前辈和名人的习惯,维吾尔人更没有。外国人怎么做他们自己的事,如果有人真的很想纪念这个人,赶快到喀什去把他的坟墓上喝酒,卖淫的人赶走吧。我去的时候为了旅游和种种目的来参观他的坟墓的人都在离埋他的地不到20米处干各种各样的所谓娱乐什么什么什么。
سىز تىلغا ئەپۇسۇلۇق ئەھۋاللارغا كۆز يۇمۇشقا ئىلاجىسمىز. دەرۋەقە شۇنداق بەدقىلىق ئىنسانلىرىمىز مەۋجۇد. ئۇ خىل قىلمىشلار ئۇلۇغ بوۋىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئەخلاقىنىڭ ئەڭ تۈپكى مىزانلىرىغا قىلىنغان ھاقارەت. قاتتىق توسۇشقا، قاتتىق ئەيىبلەشكە تېگىشلىك.
ئەمدى سىزنىڭ مەشھۇرلارغا ئائىت خاتىرە بويۇم ياساش ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا كەلسەك، پىكىرلىرىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. مىنىڭ بىلىشىمچىمۇ بىر قىسىم دىنىي ئىتىقادى كۈچلۈك زىيالىيلار مەزكۇر جۈپ تەخسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز سىزغان خەرىتە چۈشۈرۈلگەن تەخسىنى جاھازىلارغا تىزغان، ئەمما، ئاۋۇ ھەيكەل چۈشۈرۈلگەن تەخسىنى قەغەز قېىپىدىن چىقارماي ساقلىغان، جاھازىلارغا تىزىپ قويساق دىنىي ئەقىدىمىزگە مۇغالىپ ئىش بولىدۇ، دەپ قاراشقان.
مەزكۇر تەخسىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇننى يۇقىرىقىدەك تەكلىپ – پىكىرلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سالىدۇ ۋە بۇندىن كېيىنكى يېڭى مەھسۇلات – پىلانلىرىدا تولۇق نەزەرگە ئالىدۇ ، دەپ ئىشىنىمىز .
ئەستايىدىل جاۋابىڭىزغا رەھمەت، تۆنۈگۈن سېستىما بۇزۇلۇپ، ئىنكاسىم خەنزۇچە چىقىپ قالغان ئىدى. سىز ئېيتقاندەك بولسا ناھايىتى ياخشى. مېنىڭچە بۇنداق نەرسىلەرنى چىقىرالىغان ئورۇنلارنىڭ ئانچە مۇنچە مۇناسىۋەتلىرى بولىدۇ. ئۇلار ئەگەر پۇلنى كۆزلىمەي، ھەقىقەتەن بۇ ئالىمنى خاتېرلەشتەك چوڭ نىشاننى كۆزلىگەن بولسا، شۇ مۇناسىۋەتلىرىگە تاينى ئاۋۇ بەتقىلىقلارنى يوقىتىشقا، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ياردەم ئېلىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
بۇرۇن ۋىكىپىدىيەگە مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ئۇلۇغ شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىدە ئۇنىڭ رەسىمىنى قىستۇرغاندا ئىسلام دۇنياسى قارشىلىق كۆرسىتىپ، رەسىمنى ئۆچۈرگۈزگەن ئىدى. بىز ئالىمنى پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمەيمىز ئەلۋەتتە. ئەمما ئالىم مەھمۇد قەشقىرىمۇ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز دىينى ئىتىقاتىغا خىلاپ يوسۇندا خاتېرلىنىشكە ئۇچراش ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ. شۇڭا بەزى ئىشلارنى دىينى ئالىملار ياكى دىينى زاتلار مۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەگەشكىلى بولمايدۇ. خۇددى «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما». چۈنكى بىز بىرەر ئالىمغا ياكى دىينى زاتقا چوقۇنمايمىز. بەلكى چوقۇندۇرغۇچىغا چوقۇنىمىز ئەمەسمۇ
ئەلۋەتتە مەن ھەرگىز بۇ ئالىم سىزغان خەرىتە چۈشۈرۈلگەن بويۇملارنى دېۋاتمايمەن. ئەلۋەتتە ئۇنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمەن شەخسەن. …. ئەمما شۇ ئالىمنىڭ ئەقىدىسىدە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق……. چىنە-تەخسە، داس چېلەكلەرگە ئۇنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ خاتېرلەش … ۋە بۇ بويۇملارنى ئۆيلەرگە تىزىپ ساقلاشلار…. نى ئۇ خالىمايدۇ.
ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە دىن توغىرسىدا گەپ قىلىۋاتمايمەن. بەلكى ئالىمغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىلا گەپ قىلىۋاتىمەن. بىزنىڭ يەنە كومىراجىۋا دەيدىغان ئالىمىمىز بولغان. ئالىپ ئەرتوڭادەك باتۇرلىرىمىز، ئاتتىلادەك شاھلىرىمىز ئۆتكەن.
ئەگەر كوماراجىۋانى خاتېرلەش توغرا كەلسە مەن ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساشنى قوللايمەن، ئەلۋەتتە بۇ ھەيكەللەرنى ئۆيلەرگە تىزىۋېلىشقىمۇ قارشى تۇرمايمەن. چۈنكى ئۇ بۇدداھ ئالىمى. ئۇ شۇنداق بولۇشنى ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن.
ئوخشاشلا ئاتتىلا ۋە ئالىپ ئەرتوڭالار ئۈچۈنمۇ كۆك تەڭرىنىڭ گېپى بولۇنۇپ، خاتېرە بويۇملىرى ياسالسا كارىم يوق. ھەممە ئۆز يولىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك.
ئەلۋەتتە … بۇ بويۇملارنى ئىشلىگۈچىلەردىن كۆپ مىننەتتارمەن. چۈنكى ئۇلار ئويلاپتۇ… بۇنداق يۈكسەك ئىشنى. ھەم ئۇلارغا بۇ تەكلىپلەرنىڭ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا….. بۇنداق نازۇك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئىشەنمىگۈچىلەر بولسا، ئوبامادەك خىرىستىئان دۆلىتىنىڭ داڭدار ئەربابىنىڭ ياكى نيوتوندەك بىرەرىنىڭ رەسىملىرىنى مەسچىتلەرگە ئېسىپ، بۇ كىشى تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى دەپ بېقىڭلار….. ۋاتىكان ياكى ئامېرىكا بىر شۇنداقلارنى تۇتقۇن قىلغىلى بىر قوشۇن ئەۋەتمىسىمۇ ، بىر نېمە قىلىدۇ.
غەربلىكلەر داڭلىق كىشىلىرىنى شۇ كىشىنىڭ ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلغان يوسۇندا خاتېرلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆز يولىدا خاتېرلەش ئۇسۇلى بار. مەسلەن تۆت ساھابىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ھەمدۇ-سانا ئوقۇش، ئۆلگەن شەخسلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشلاردىن باشقا، ھەر خىل پائالىيەتلەر، مۇھاكىمە يىغىنلىرى دېگەندەكلەرنى ئۆتكۈزۈش دېگەندەك.
شەيخ سەئىدىمۇ ئىراندا ئۆز يولىدا ھەر يىلى خاتېرلىنىدىكەن. لېكىن ھېچكىم تېخى ئۇنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ، ھەيكەللىرىنى ياساپ چوقۇنغىنى يوق.
رەھمەت….
陛下,你的编辑器咋没有对齐按钮。上面的评论有点乱了。
بلوگىمىزنىڭ ئىقتىدار جەھەتتىكى ناقىسلىقى تۈپەيلى بىمالال ئىنكاس يوللاشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقى تۈپەيلى كۆپ خېجالەتتىمىز.